ياشانغانلار ئۇسسىمىسىمۇ سۇ ئىچىپ بېرىشى كېرەك

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/09/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

  ياشانغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ھەم ئىچكى ئورگانىزمى ئۇسساش سىگنالىغا نىسبەتەن ئىنكاسى ئاستا بولىدۇ. ئادەتتە بەدەندە ئېغىر سۇ كەمچىل بولسىمۇ، ياشانغانلار ئۇسسىغانلىقىنى سېزەلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن يازدا ياشانغانلارغا ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياشانغانلار يازدا ۋاقتى-ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاپ تۇرۇشى كېرەك. ئۇلار ناۋادا سۇنى ۋاقتىدا تولۇقلىيالمىسا ئاسانلا تېرىسى قۇرغاقلىشىدۇ ھەم ھەزىم قىلىشى ناچار بولىدۇ. شۇڭا ئۇسسىغانلىقىنى بايقاشتىن ئاۋۋال پات-پات سۇ ئىچپ تۇرۇشى كېرەك.ھەركۈنى ئەتىگەندە ئىككى ئىستاكان، سائەت 9:00 لاردا بىر ئىستاكان، 11:00دا بىر ئىستاكان، چۈشتىن كېيىن پائالىيەت مىقدارىغا قاراپ ئىككى ئىستاكاندىن سۇ ئىچىپ بېرىشى كېرەك، كېچىدىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىش كىرەك، بولمىسا كېچىدە تەرلەش، نەپەس يوللىرىدىمۇ سۇ كەمچىل بولۇپ،تېرىگە سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى،بىر قېتىمدا سۇنى بەك كۆپ ئىچىۋالماسلىق، نورمال، بەدەن كۆتۈرەلىگۈدەك دەرىجىدە ئىچىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر