ياشانغانلار غىزالانغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 10 ئىش

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/04/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 03 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، دوستىخانىلىرىمىز موللىشىپ، غىزالىنىش ئادەتلىرىمىزدىمۇ روشەن ئۆزگىرىشلەر بولماقتا. ئەمما، « كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ » دەيدىغان ئاتىلار سۆزىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. خوش، ياشانغانلار غىزالانغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

 

 

1. سۈپىتى يۇقىرى بولۇش
سۈپىتى يۇقىرى دېگەنلىك ھەرگىزمۇ باھاسى يۇقىرى دېگەنلىك ئەمەس. مەسىلەن، پۇرچاق ياسالمىلىرى، تۇخۇم، سۈت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى سۈپەتلىك ئوزۇقلۇققا كىرىدىغان بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ دائىم ئىستېمال قىلىشىغا باب كېلىدۇ. يەنە، بېلىق تۈرىدىكىلەرنى كۆپرەك، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلەرنى ئازراق يېيىش كېرەك. قەنت (شېكەر) نىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ئاساسىي غىزالار، كۆكتاتلار ۋە مېۋىلەر بولۇپ، قەنت، شېكەر، قارا شېكەر قاتارلىق ئىش قوشۇلغان شېكەر ياسالمىلىرىنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىش لازىم.
2. تۈرى كۆپ بولۇش
ھېچقانداق بىر خىل يېمەكلىك ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالالمايدۇ. شۇڭا، كۈنلۈكى دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر (بۇغداي-قوناق ئۇنى، گۈرۈچ)، سەي-كۆكتاتلار، مېۋە-چىۋىلەر، موگۇ-يۈسۈنلار (سۇ ئۆسۈملۈكى) قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر