ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ 8 خىل رېتسىپى

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 تەھرىر ئىلاۋىسى: 6-ئاينىڭ15-كۈنى، تەكلىپكە بىنائەن، 79 ياشلىق ۋەن چېڭكۈي (万承奎) پروفېسسور، شيەنياڭ ھەسەن-ھۈسەن كۇلۇبىدا 3 سائەتكە يېقىن مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلىدى، ئۇنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنلۇق لېكسىيىسى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇرۇن مۇنداق بىر سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلغان: ئادەمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئىچىدە، %10 ى ئېرسىيەتتىن، %10 ى جەمئىيەت ئامىلى تەرىپىدىن، % 8 ى داۋالاش شارائىتى تەرىپىدىن، %7 ى كىلىمات تەرىپىدىن، %60 ى ئۆزى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ساغلام بولۇش ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ ھەر بىر كۈنىمىزنىڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
1. ئورنىدىن سەھەر تۇرۇش: ئەتىگەنلىك تاماق يېگەنلىك قۇۋۋەت دورىسى ئىچكەن بىلەن باراۋەر. ئەتىگەنلىك تاماققا سەل قاراش، چۈشلۈك تاماقنى ئەپلەپ-سەپلەپلا ئۆتكۈزۈۋېتىش، كەچلىك تاماقتا بولۇشىغا يەپ –ئىچىش ـــ يۈزلىگەن كېسەللەرنىڭ كېلىش مەنبەسىدۇر. بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماق ئىچىدە ئەتىگەنلىك تاماق ئەڭ مۇھىم بولۇپ، سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەتىگەندە ياخشى يېيىش، چۈشتە تويۇپ يېيىش، كەچتە ئاز يېيىشكە ئەمەل قىلغاندىلا، بىر كۈندىكى ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا بولىدۇ.


ھازىر بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ %20ى ئەتىگەنلىك تاماق يېمەيدۇ، %50-%60 كىشى يېيەلمەيدۇ، ئەتىگەنلىك تاماق ياخشى بولمىسا، چۈشتە، كەچتە تولۇقلىۋالغىلى بولمايدۇ. ئەتىگەنلىك تاماقتا چوقۇم كالا سۈتى، پۇرچاق سۈتى، تۇخۇم ياكى گۆش، يەنە كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە كەم بولماسلىقى كېرەك، ئادەتتە ئىككى خىلدىن كەم بولغان ئەتىگەنلىك تاماق تۆۋەن دەرىجىدىكى تاماق ھېسابلىنىدۇ.


2. كەيپىياتنى ياخشى كونترول قىلىش: خىزمەت جەريانىدا خوجايىننىڭ تەنبىھ بېرىشى، خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ۋە كۆرەلمەسلىك... قاتارلىق ئوڭۇشسىزلىقلاردىن ساقلىنىش قىيىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەمدە پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلىدۇ.


كەيپىياتنى ياخشىلاشنىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلى بار: دەرت تۆكۈش ۋە ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش.

ئۇنداقتا، بۇ ئىككىسىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
 دەرت تۆكۈش پەقەتلا ئادەمنى ئازابلايدۇ خالاس. دەردىنى چىقىرىۋېلىش بولسا ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئازابلىمايدۇ. تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئېغىزىدا دائىم «مەن ئاچچىقلانمايمەن،  خاپا بولمايمەن» دەيدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە بېسىم قىلغانلىق. ئادەم قانداقمۇ ئاچچىقلانماي تۇرالىسۇن؟! ئادەم ھېسسياتلىق جانلىق، ياخشى كۆرۈش، نەپرەتلىنىش، خۇشال بولۇش، خاپا بولۇشلار ئادەمنىڭ دائىملىق كەيپىيات ئىپادىسى. خۇشال بولسا كۈلۈش، خۇشال بولمىسا يىغلاش، ئاچچىقلانسا ئىككى ئېغىز تىللاپ قويۇش ـــ بۇ بىر ھېسسىياتقا باي كىشىنىڭ ئىپادىسى.
بىر كىشى ھېسسىياتقا باي بولسا، قانداق بولۇشقا تېگىشلىك بولسا شۇنداق بولۇش كېرەك، لېكىن چوقۇم شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى: كەيپىياتنىڭ قۇلى بولۇپ قالماستىن، بەلكى كەيپىياتنىڭ خوجايىنى بولۇش لازىم:
بىرىنچى: زىيادە ئاچچىقلانماسلىق.
ئىككىنچى: ئاچچىقلىنىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىك، كەيپىياتنى ئىمكانقەدەر تېزرەك تەڭشىۋېلىش.
ئۈچىنچى: كۆپرەك كۈلۈشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئۈمىدۋار كەيپىيات يېتىلدۈرۈش. بىر مىنۇت قاقاقلاپ كۈلۈش ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى 47 مىنۇت ئازادە قىلىدۇ.

ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئەرلەر ھاراقنى ئاز ئىچىش، ئاياللار بەدەن چېنىقتۇرۇش. ھازىر تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلىنىپ، ياشانغانلارنىڭ ئۆمرى ئۇزاردى، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەنلىدى. لېكىن يەنە بىر قىسىم نورمالسىز ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلمەكتە:  ئوتتۇرا ياشتىكىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرا ياش كارخانىچىلار، زىيالىيلار، رەھبىرىي كادىرلار زىيادە چارچاش سەۋەبلىك تۈركۈم-تۈركۈملەپ ھاياتىدىن ئايرىلماقتا؛ بالىلاردا ئوتتۇرا ياشلارنىڭ كېسىلى، ئوتتۇرا ياشلاردا ياشانغانلارنىڭ كېسىلى كۆرۈلمەكتە.
بۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى دەل تاماكا چېكىش، ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچىش قاتارلىق ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىدۇر. ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا جىگەر، مېڭە، يۈرەك قاتارلىق ئەزالارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. بىر قېتىم مەست بولۇش بىر قېتىم جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىلەن باراۋەر.


نۇرغۇنلىغان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن كىرىسلوغا چۆكۈپ تېلېۋىزور كۆرىدۇ، ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، زۆرۈر بولغان چېنىقىش بولسا قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. ئاياللارغا ھەر كۈنى 30 مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە بەدەن چېنىقتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز. چېنىقىشنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، پىيادە مېڭىش ئەڭ ئاددىي ، ئەڭ تېجەشلىك ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان ئۇسۇلدۇر. ياشلار تېزرەك مېڭىش لازىم، ئادەتتە مېڭىش سۈرئىتى بىر مىنۇتتا 130 قەدەم ، يۈرەك سوقۇش بىر مىنۇتتا 120 قېتىم بولغاندا، يۈرەكنى چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇنى پەقەت يېرىم يىل داۋاملاشتۇرسىلا، يۈرەك-ئۆپكە ئىقتىدارىنى %30-%50 يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
ئومۇمەن، ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى ئىمكانقەدەر تولۇق ئورۇنداش لازىم:
1. ئۈچ ۋاق تاماقنى ياخشى يېيىش؛
2. 8 سائەتلىك ئۇيقۇنى ياخشى ئۇخلاش؛
3. ھەر كۈنى يېرىم سائەت چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش؛
4. كەم دېگەندە 30 مىنۇت كۈلۈش؛
5. ھەر كۈنى چوقۇم چوڭ تەرەت قىلىش؛
6. ھەمراھىغا 3 جۈملە ئۇنى خۇشال قىلىدىغان سۆزنى قىلىش؛
7. ھەر كۈنى جەمئىي 3 سائەت كىتاب كۆرۈش؛
8. ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك؛

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر