ياشانغانلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 1. يېمەكلىكنى قالايمىقان يەپ بەك تويۇنۇپ كەتمەي، ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم ئىستېمال قىلىش كېرەك.
 2. نورمال ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش كېرەك. مېڭىپ بېرىشتەك ئاددىي ھەرىكەتتىن تۈرلۈك  تەنھەرىكەتكە قەدەر بولغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا، مۇسابىقە كويىدا بولماسلىق كېرەك.
 3. توپتىن ئايرىلىپ تەنھا ياشىماستىن،ئائىلىسىدىكىلەر، دوستلار بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ تۇرۇش كېرەك.
 4. خىزمەتتىن توختاپ قالماي،  بالدۇرراق يېڭى ئىش تېپىپ،  قېرىلار ئىشقا يارىمايدۇ، دېگەن روھىي ھالەتنى تۈگىتىش كېرەك.
 5. باشقىلارنىڭ پىكىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، باشقىلارغا ھەمدەمدە بولۇش كېرەك، ياشانغانلارنىڭ تەجرىبىسىگە ۋە تەربىيەسىگە موھتاجلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش كېرەك.
 6. ئات ئايلىنىپ ئوقۇرنى تاپار، مۇمكىن قەدەر ئۆزىگە تونۇشلۇق يەرگە بېرىپ ياشاش كېرەك.
 7. بېقىنىۋالماسلىق كېرەك، ئەر - خوتۇن ئەتىگەندىن كەچكىچە بىرلىكتە تۇرۇۋالماسلىق  كېرەك،  ئۇنداق بولسا زېرىكىدۇ،  ۋاقىت ئۇزارسا ھاجەتسىز  ماجىرا تۇغۇلىدۇ. شۇڭا ئەرمۇ،  خوتۇنمۇ بۇرۇنقىدەك ئۆز قىزىقىدىغان مەشغۇلاتنى قىلىش كېرەك.
  8. تۈرلۈك مەدەنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ تۇرۇش كېرەك. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، بۇرۇن نائىلاج تاشلاپ قويغان قىزىقىشنى قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرىش كېرەك.
  9. كىيىم - كېچەك، تۇرقى - سىياقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك،  تۇرقى - سىياق،  كىيىم -  كېچەككە ئەھمىيەت ئەھمىيەت بېرىشتىن قىلىش،  ئۆزىنى مىسكىنلىككە تاشلاشنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ.
  10. ئويلىنىشقا ۋاقىت قالدۇرۇش كېرەك. مۇبادا ئۆزىنىڭ چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشىغا پۇرسەت قالدۇرمىغاندا، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېرىلىق بېسىپ كېلىدۇ. ياشانغانلارنىڭ ئۆتمۈشىنى  ئەسلەشكە يېتەرلىك ۋاقىت قالدۇرۇش كېرەك.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر