
ئېلىمىز جەمئىيىتىدە قېرىلىشىشنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ياشانغانلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە ئۇلارغا روھىي جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈش بىر چوڭ ئىجتمائىي مەسىلىگە ئايلاندى. ھازىر ئېلىمىزدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ياشانغانلارنىڭ ماددىي تۇرمۇشى ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى تېگىشلىك غەمخورلۇققا ئىگە بولالمايۋاتىدۇ. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئېلىمىزدىكى ياشانغان كېسەللەرنىڭ %50~%80 ى پىسخىكا كېسەللىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى %70 پىسخىكا كېسەللىكىنى مەنىۋى غەمخورلۇقنىڭ يېتەرسىز بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ياشانغانلار پېنسىيىگە چىقىپ خىزمىتى تۇيۇقسىز توختاپ، مۇھىتتا ئۆزگىرىش بولغانلىقى، شۇنىڭدەك ئىلگىرىكى ئالدىراشچىلىق بىكارچىلىق تۇرمۇشىغا ئۆزگەرگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇلار بۇ خىل مۇھىتقا پىسخىكا جەھەتتىن تېزلىك بىلەن ماسلىشالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۆۋەنكى بىرقانچە خىل ناچار روھىي ھالەتلەر كېلىپ چىقىدۇ:
① ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇش: بەزى ياشانغانلار دەم ئېلىشقا پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، يۇقىرى خىزمەت ئورنىدىن تۇيۇقسىزلا چېكىنگەنلىكى، شۇنداقلا روھىي كەيپىيات جەھەتتىن يېتەرلىك تەييارلىقى بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇش ھېسسىياتىدا بولىدۇ.
② مەنىسىز ھېسسىياتتا بولۇش: بەزى ياشانغانلار بىر ئۆمۈر مۇھىم خىزمەت ئورنىدا ئىشلىگەچكە، دەم ئېلىشقا پېىسىيىگە چىققاندىن كېيىن قىلىدىغان ئىش يوق، جەمئىيەت ئېتىبار قىلمىدى دەپ قاراپ، ھاياتىنى مەنىسىز ھېس قىلىدۇ.
③ تىت- تىت بولۇش: بەزى ياشانغانلار خىزمەتتىكى ۋاقتىدا دېگىنى ھېساب بولىدىغان رەھبەر بولغاچقا، دەم ئېلىشقا پېنسىيىگە چىقىپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، خوتۇن، بالا- چاقىلىرىنىڭ ئۆزىگە رەھبەرلىك قىلغۇچى ۋە رەھبەرلىك قىلىنغۇچى مۇناسىۋىتىدەك بويسۇنمايۋاتقانلىقىدىن، ھازىر ئۆزىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىگىمۇ قوماندانلىق قىلالمايۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ، تىت- تىت بولىدۇ.
ياشانغانلارنىڭ دەم ئېلىشقا، پېىنىسىيىگە چىققاندىن كېيىنكى ئەنسىرەش، قورقۇش، تىت- تىت بولۇش قاتارلىق روھىي ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى نورمال بولمىغان روھىي كەيپىياتى قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىشى، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
دۇنيا مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكى قاتارلىقلارنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىدە غەرب دۆلەتلىرى شەرق دۆلەتلىرىدىن، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن، شەھەرلەر يېزىلاردىن يۇقىرى تۇرىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﺪﺍ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭ
يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 1. سەل قارىماسلىق،دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك. قان بېسىمى ياخشى تىزگىنلەنمىسە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە سەكتە قاتارلىق كېسەللەرن
