ياشانغانلار ئاچچىقسۇنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا سالامەتلىككە پايدىلىق

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ئاچچىقسۇ ئېلىمىزدە ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، كىشىلەر نەچچە مىڭ يىللىق تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ئۇنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن.
  ئاچچىقسۇ تەم تەڭشىگۈچى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەندە ئىشتەي ئاچىدۇ، مانتا ياكى بىلەن بەنشىرنى لازا -  ئاچچىقسۇ بىلەن ئىستېمال قىلغاندا تەملىك بولىدۇ،  بېلىق پىشۇرغاندا ياكى گۆش پىشۇرغاندا مۇۋاپىق ئاچچىقسۇ قويۇۋەتسە، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي، تۆمۈر، فوسفور قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار پارچىلىنىپ ئاسان پىشىدۇ ھەم يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياشانغانلارنىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق بولىدۇ. ئاچچىقسۇ يەنە ياغ ماددىلىرىنى چۈشۈرۈپ، ۋىتامىن C نى ئۆز پېتى ساقلاپ قالىدۇ.
  ئاچچىقسۇ بەزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەم قېرىلىق يېشىغا يەتكەندە ھەزىم قىلىش ئەزالىرىدا چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، ئاشقازان - ئۈچەي ھەرىكىتى ئاجىزلايدۇ، شۇنىڭدەك تۈرلۈك ھەزىم قىلىش فېرمېنتى ۋە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كېمىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ھەزىم قىلىش ناچارلىشىپ كېتىدۇ. دائىم ئاز - ئازدىن ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىپ تۇرغاندا، ھەزىم قىلىشى ناچارلاشقان ۋە ئاشقازان كىسلاتاسى كەم بولغان ئادەملەرنىڭ ئىشتىيى ئېچىلىپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى  كۈچىيىدۇ ئاشقازاننىڭ كۆپۈپ قېلىشى يوقىلىپ، يىغىلىپ قالغان يېمەكلىكلەر ھەزىم قىلىنىدۇ. ئاچچىقسۇ تولغاق تاياقچە باكتېرىيەگە ئوخشاي ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەرنى چەكلەش ۋە ئۆلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. باشقا كۆپ خىل زىيانلىق زەمبۇرۇغلارنىڭ كۆپىيىشىنى تورمۇزلايدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر