نېمە ئۈچۈن ياشانغان كىشىلەر ئاسان يىقىلىپ چۈشىدۇ

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/12/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئادەمنىڭ يېشى چوڭايغانسېرى ئۇنىڭ پىيادە مېڭىشىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇ ئادەتتىكى فىزىيولوگىيەلىك ھالەت. ئادەتتە ياشانغان كىشىلەر يول يۈرگەندە پۇتنى پەس ئېلىپ ماڭىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ پۇتلىشىپ ئاسانلا يىقىلىپ چۈشۈشىدىكى بىر سەۋەب. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ياشانغانلار ئالدىغا ئېڭىشىپ مېڭىش،  قەدىمنى قىسقا ئېلىشى، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىمۇ ئۇلارنىڭ ئاسانلا يىقىلىپ چۈشۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ياشانغان كىشىلەردە نېرۋا قان تومۇرلىرىدا ئۆزگىرىش بولۇش،مېڭە قان تومۇرلىرى قېتىش، بەزى ئەزالىرى ئۇيۇشۇپ قېلىش، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى، قان ئازلىق كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن يىقىلىپ چۈشۈش ھادىسىسى كۆپ ئۇچرايدۇ.  بەزى كىشىلەر نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش دورىسى قاتارلىق دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندىن يىقىلىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال دورىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىنكى ئىككى سائەت ئىچىدە ئاسان يۈز بېرىدۇ. مەلۇماتقا قارىغاندا، شوتلاندىيىدىكى ھەر يىلى يىقىلىپ چۈشۈش بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلار 4000 كىشىگە يېتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلىسىدە ياشانغان كىشى بولغانلار ياشانغانلارنىڭ پائالىيىتىنى كۆزىتىپ بېرىشى ئۇلارغا ياردەم بېرىشى، مۇھىت ۋە تۇرمۇش جەھەتتىكى خەتەرلىك ئامىللارنى تۈگىتىش لازىم. ياشانغانلارمۇ ئۆز ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدىغان ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىشتىن ساقلىنىشى، كېسەللىك يۈز بەرگەندە تېز داۋالىنىش لازىم.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر