ياشانغانلار بەك كۆپ يۇيۇنسا بولمايدۇ

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

    دائىم يۇيۇنۇشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى بار بولۇپ، تېرە پاكىز تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيلەرنى بوشىتىپ، تومۇرلارنى جانلاندۇرۇپ، بەل، پۇت ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. ئەمما ياشانغانلار بەك كۆپ يۇيۇنسا بولمايدۇ.
    چۈنكى، ياشانغانلارنىڭ جىسمانىي كۈچى سەل ئاجىز بولۇپ، تېرە ماي بېزى پەيدىنپەي يىرىكلەپ قالغان بولىدۇ. ئەگەر بەك كۆپ يۇيۇنسا، تېرىسى قۇرغاقلىشىپ، ئاسانلا كېپەكلىشىدۇ. ھەتتا تېرىسى يېرىلىش، قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يۇيۇنغاندا سۇ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە بەدەن ئىچىدىكى ئىسسىقلىق ئاسان تارقاپ كېتەلمەي، ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ. ئەگەر چىلىنىپ تۇرغان ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئىنچىكە قان تومۇرلار كېڭىيىپ كېتىپ، چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەي، بېشى قېيىش ھەتتا ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا ياشانغانلار بەك ئۇزۇن يۇيۇنسا بولمايدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر