ياشانغانلار كۆپ ئۇخلىسا ، تېز قېرىيدۇ

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

كۆپىنچە ياشانغانلارنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەس ، ئۇلار كېچىسى ئۇيقۇسى كەلمىگەچكە ، كۈندۈزى تولۇقلايدۇ . ھالبۇكى ، ھەدىدىن ئارتۇق ئۇخلاش ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز .
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ياشانغانلار كۆپ ئۇخلىسا جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قېرىشنى تېزلىتىدۇ . مۇتەخەسسىسنىڭ ئېيتىشىچە ، ئادەتتە 60 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە سائەتتىن ، 70 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ئالتە سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن . ھەر كۈنى توققۇز سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلىغان ياشانغانلاردا ماغدۇرسىزلىقتىن باشقا يەنە روھىي چۈشكۈنلىشىش ، ھەرىكىتى ئەپسىز بولۇش ، ھەتتا غەلىتە پىسخىك ھالەت پەيدا بولۇش دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن . بولۇپمۇ ، كۈز پەسلىدە ، ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ ، ياشانغانلار سوغۇقتىن قورقۇپ ئورنىدىن تۇرالمايدىغان ، ئۇيقۇدىن كۆزىنى ئاچالمايدىغان ، كارىۋاتتىن چۈشمەيدىغان بولۇپ قالىدىكەن . ئەمەلىيەتتە ياشانغانلار پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۇيقۇنى تەڭشىشى كېرەككەن . يازدا كەچ ئۇخلاپ بالدۇر تۇرۇش ، كۈز ۋە ئەتىيازدا بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرۇشى ، قىشتا بولسا بالدۇر ئۇخلاپ كېيىن تۇرۇشى كېرەككەن . چۈشلىرى بولسا ئازراق مۈگدىۋالسا بولىدىكەن . ئۇزاق ئۇخلاشقا بولمايدىكەن .
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر