ياشانغانلارنىڭ سۈتى - ھەسەل

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئامېرىكا ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەسەل تەركىبىدە ۋىتامىن، مىنېرال ماددا، ئامىنو كىسلاتاسى، كالتسىي، تۆمۈر، ماگنىي، سىنك قاتارلىقلارنىڭ موللىقىنى ئىسپاتلىغان. ھەسەلدە يەنە ماي بار بولۇپ، كۆپ قىسمى يەككە شېكەر (گلوكوزا ۋە مېۋە شېكىرى) دىن تەركىب تاپقان ئىكەن، ئۇنى ئادەم بەدىنى ئاسان قوبۇل قىلىدىكەن. شۇڭا،ھەسەل ياشانغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئىنتايىن باب كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەسەل «ياشانغانلارنىڭ سۈتى» دەپ ئاتالغان.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىم پاپاسى پىئو 13~12 قېتىم ئېغىر كېسەللىك خەۋپىدىن مۆجىزىلەرچە قۇتۇلۇپ قالغانىكەن. ناپولىئوننىڭ زېھنى كارامەت يۇقىرى ئىكەن. بۇلارنىڭ سەۋەبى ھەسەل جەۋھىرىنى ئىچىپ تۇرغانلىقتىن ئىكەن. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى 100 ياشتىن ئاشقان بوۋايلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ھەسەل ھەرىسى باقىدىغانلار ئىكەن. ھەسەل جەۋھىرىنىڭ تەمى چۈچۈمەل، تەركىبىدە سۇ 70%، ئاقسىل 15%، ماي 5%، شېكەر 10% بولۇپ، يەنە ئاممونىي كىسلاتالىرى ۋە فوسفور كىسلاتالىرىنىڭ كۆپ خىل بىرىكمىلىرى بار. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ھەسەل جەۋھىرىنىڭ قېرىپ زەئىپلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، ئاجىزلىقنى داۋالاش ئۈنۈمى بار ئىكەن. ئۇنىڭ قەۋزىيەت، ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش ۋە چارچاش، قان ئازلىق ۋە ئىچكى ئەزالارنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى قاتارلىقلارغا مەلۇم شىپالىق ئۈنۈمى بار، بەزىلەر ئۇنىڭ بىلەن كلىماكتېرىك دەۋرى(ئاياللاردىكى ھەيز توختاش دەۋرى) دىكى توسقۇنلۇق، جىنسىي ھەۋەسنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، ئۇيقۇسىزلىق ۋە بوغۇم ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالىغاندا ئۈنۈم بېرىش نىسبىتى 70% كە يەتكەن.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر