ۋىتامىن B تولۇقلىسا، دېۋەڭلىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ھەر كۈنى ۋىتامىن B تولۇقلىسا ، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ قوزغىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ . يېڭىچە تەتقىقاتلار ئارقىلىق بايقالدىكى ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئېسىنى يوقاتقان ئادەم ئەگەر تەرتىپلىك ھالدا ۋىتامىن B تولۇقلاپ داۋالانسا، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۇزۇن ساقلىيالايدۇ . ئەنگىلىيە «سەھىيە گېزىتى» نىڭ ئەڭ يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىسىدە دېيىلىشىچە : ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋېتامىن B نى ئىستېمال قىلغان قاتناشقۇچىلارنى تەجرىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ نېرۋىسىنىڭ بۇزۇلۇشى ئەسلىدىكىدىن يېرىمىدىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن . بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك بايقاش ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك بىمارلىرىغا ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ . دورا دۇكانلىرى ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدۇكانلىرىدا سېتىلىدىغان ۋىتامىن نۇرغۇنلىغان ياشانغانلاردىكى نېرۋا يىگىلەشنى توسالماسلىقى مۇمكىن ، بىراق ھېچ بولمىغاندا بۇ خىل جەرياننى كېچىكتۈرەلەيدۇ . بېلىق ، گۆش ۋە كالا سۈتى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B كۆپ . تۈر يېتەكچىسى ، ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتى دورا تەسىرى ئىلىمىفاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى داۋىد شىمىس مۇنداق دېدى: بىز مۇشۇنداق ئاددى ، بىخەتەر داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ، ياشانغانلاردىكىدېۋەڭلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلىتالايمىز . ئەنگىلىيەدە تەخمىنەن 1 مىليون 500مىڭدىن ئارتۇق 70 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار يېنىك دەرىجىدىكىتونۇش توسالغۇسىغا گىرىپتار بولغان ، بۇ بىمارلارنىڭ %50 بەش يىل ئىچىدە كېسەللىكى ئېغىرلىشىپ پۈتۈنلەي دېۋەڭ بولۇپ قالىدۇ . بۇ تەتقىقات ئۇلارنى پايدىغا ئېرىشتۈرەلەيدۇ . تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر