ياشانغانلار بەك كۆپ يۇيۇنماسلىقى كېرەك

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

دائىم يۇيۇنۇشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى بار بولۇپ ، پەينى بوشىتىپ ، تومۇرلارنى جانلاندۇرۇپ بەل ، پۇت ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ . ئەمما ياشانغانلار بەك كۆپ يۇيۇنسا ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي كۈچى ئاجىزراق بولغاچقا ، تېرە ياغ بېزى پەيدىنپەي يىرىكلەپ ، تېرە قۇرغاقلىشىپ ، ئاسانلا كېپەك بولۇپ قالىدۇ . بەزىدە تېخى تېرە يىرىكلىشىپ ، قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . يۇيۇنغاندا سۇ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ، بەدەندىكى ئىسسىقلىق سىرتقا تارقىلىپ كېتەلمەي ئاسان ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ . ئەگەر سۇغا چىلىنىپ تۇرغان ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ، ئىنچىكە قان تومۇرلار كېڭىيىپ ، چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەي ، بېشى قېيىش ، ھەتتا ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . شۇڭلاشقا ، ياشانغانلار بەك ئۇزۇن يۇيۇنماسلىقى كېرەك .
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر