قىشتا ياشانغانلار يىقىلىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

«قىشتا تېيىلىپ يىقىلىپ كېتىدىغانلار باشقا ۋاقىتلاردىكىگە قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ، ھەر كۈنى دېگۈدەك نەچچە ئون سۇنۇق بىمارى كېسەل كۆرسەتكىلى كېلىدۇ.» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ياسىنجان مەمەت مۇخبىرغا. ئۇ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ياشانغانلار تاسادىپىي يىقىلىپ كەتسە، ئەتراپىدىكىلەر ياكى ئائىلىسىدىكىلەر مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشى زۆرۈر.


ياشانغانلار يىقىلىپ چۈشسە، ئىنچىكە كۆزىتىش كېرەك، ئەگەر يارا بولسا ۋاقتىدا تېڭىش، بېسىش ئارقىلىق ۋاقتىدا قان توختىتىش، بىمارغا ۋاقتىنچە ھەرقانداق ئىچىملىك ۋە يېمەكلىك بەرمەسلىك كېرەك. ئەگەر، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىش، تۇنجۇقۇش ۋە يۈرەك سوقۇشى توختاش قاتارلىق ئەھۋاللار بولسا، بىمارنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، ئېڭىكىنى كۆتۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېغىزىدىكى نەرسىلەرنى تازىلاپ، راۋان نەپەسلەندۈرۈش شارائىتى ھازىرلاش كېرەك، ئاندىن سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش، كۆكرەكنى بېسىپ يۈرەك ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك. ئەگەر، بۇنداق مەشغۇلاتنى بىلمىسە، دەرھال 120 جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفون ئۇرۇش كېرەك.
ياسىنجان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياشانغانلار يىقىلسا بېغىش بوغۇمى، يانپاش بوغۇمى ۋە كۆكرەك، بەل ئومۇرتقىسى ئاسان زەخىملىنىدۇ. بۇ ئۈچ ئورۇندىكى زەخىمنى پەرقلەندۈرۈش ئاسان، ئەمما قۇتقۇزۇش تەدبىرى ئوخشىمايدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر بىمارنىڭ بىئارام بولىۋاتقان يېرى ئومۇرتقا تۈۋرۈكى بولسا، يۆتكەش جەريانىدا بېشى، بوينى، بەدىنى چوقۇم تۈز بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ، بويۇن ئومۇرتقىسى زەخىملەنسە، يۆتكەشتە تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىش ھەمدە مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. بىمارنىڭ بېشى ۋە گەۋدىسىنى كۆتۈرمەسلىك ياكى ئولتۇرغۇزماسلىق كېرەك. ئەڭ ياخشىسى تاختا نوسىلكا ياكى تۈز تاختايدا يۆتكەش، بىمارنى ئۆرۈلۈپ كەتمەيدىغان قىلىپ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.
ياسىنجان يەنە مۇنداق دېدى: ياشانغان كىشى يىقىلغاندىن كېيىن يوتا سۆڭەك بوينى سۇنغان بولسا، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش كېرەك. ياشانغانلاردا، بولۇپمۇ 50 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغانلاردا يوتا سۆڭەك بوينى سۇنۇش كۆپ كۆرۈلىدۇ. چۈنكى، ياشانغانلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش، يوتا سۆڭىكى چۈرۈكلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، يىقىلىپ چۈشسىلا ئاسان سۇنىدۇ. بۇ ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشى ئانچە ياخشى ئەمەس، سۇنۇقنى ۋاقتىدا، مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلمىسا، سۇنۇق تۇتماسلىق ياكى يوتا سۆڭىكى بېشىغا قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن نېكروزلىنىش، زەخىملىنىش خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىمارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. بەزى ياشانغانلارنىڭ يانپاش سۆڭىكى سۇنغاندىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەت كارىۋاتتىن چۈشەلمەسلىك سەۋەبىدىن قوشۇمچە كېسەللەر پەيدا بولۇپ، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.
يىقىلىپ چۈشكەندە پۇت - قولى قايرىلىپ كەتسە، ئىششىش، ئاغرىش، ئېغىر بولغاندا سۇنۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بىرتەرەپ قىلغاندا، ئاۋۋال زەخىملەنگەن جايغا مۇز يېقىش، ئاندىن ئەۋرىشىملىككە ئىگە داكا بىلەن بوغۇمنى تېڭىش كېرەك. ئەگەر، ئوشۇق بوغۇمى قايرىلىپ كەتسە، ئىششىق يېنىشتىن ئىلگىرى ئىمكانقەدەر قايرىلىپ كەتكەن پۇت بىلەن يەر دەسسىمەسلىك كېرەك. ياتقاندا قايرىلغان پۇتنى يۈرەكتىن ئېگىز قىلىپ ئېسىش ياكى تىرەش كېرەك. ئىششىق يېنىش ئەھۋالىغا قاراپ، 2 ـ 3 ھەپتىدىن كېيىن ھاسىغا تايىنىپ ماڭسا بولىدۇ.
قىشتا ياشانغانلارنىڭ يىقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 ـ خەلق دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى چېن شىنۋېن تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە دىققەت قىلىشنى ئېيتتى:
1. ياشانغانلارغا بولغان غەمخورلۇقنى كۈچەيتىپ، ئىمكانقەدەر يالغۇز قويماسلىق، سىرتقا چىققاندا ھەمراھ بولۇش لازىم. قىشتا ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، ياشانغانلارنى مۇۋاپىق كىيىندۈرۈپ، ھەرىكەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش لازىم. ئايىغى ئىسسىق ساقلاشتىن باشقا، تېيىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بولۇشى، ياشانغانلار تۇرىدىغان ئۆينىڭ يېرى(بولۇپمۇ ھاجەتخانا) قۇرغاق بولۇشى، سۇ يىغىلىپ قېلىش، تېيىلغاق بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يىقىلىپ چۈشۈش سۇنۇقنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبى. ياشانغانلارنىڭ كۆپرەك ھەرىكىتى ئۆيدە بولىدۇ، شۇڭا ھەرىكەت قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى قويماسلىق، ئىمكانقەدەر ساپما كەش كىيدۈرمەسلىك؛ ئۆي ئىچىنىڭ يورۇقلۇقى مۇۋاپىق بولۇش؛ يۇيۇنۇش ئورنى ۋە تەرەتدان يېنىغا تۇتقۇچ بېكىتىش لازىم.
2. ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاپ، چېنىقىشنى كۈچەيتىش لازىم. ياشانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە سۆڭەك شالاڭلىشىش كۆرۈلىدۇ، سۆڭىكى چۈرۈكلىشىپ، چىدامچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ، ئازراق سىرتقى زەربىمۇ ئاسانلا سۆڭەك سۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە كېلىپ ياشانغانلار ئىنكاسى ۋە ماسلىشىشچانلىقى ناچارلاش سەۋەبىدىن ئاسان يىقىلىپ چۈشىدۇ. شۇڭا، ياشانغانلار ئاقسىل ۋە ۋىتامىن D ماددىسى مول يېمەكلىكلەرنى يېسە، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. قىشتا چېنىققاندا «ئاپتاپقا قاقلىنىش»نى بىرلەشتۈرسە، مەسىلەن، ھاۋا ئوچۇق كۈنى سىرتقا چىقىپ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرسا، بەدەندە بىرىكىدىغان ۋىتامىن D كۆپىيىپ، كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. يەنە سەيلە قىلىش، گىمناستىكا ئويناش ئارقىلىق چېنىقسا بولىدۇ. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كالتسىي تولۇقلايدىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ. ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئىمكانقەدەر تاماكا تاشلاش ياكى ئاز چېكىش كېرەك، بولمىسا كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ.
3. بەدەن ئېغىرلىقىنى تىزگىنلەش كېرەك. ياشانغانلار بەك سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە كېسەل بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەك. بولۇپمۇ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ياشانغانلارنىڭ دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، دورا چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىپ، دورىنىڭ ئەكس تەسىرىنى ئازايتىشى لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلار ھاراق ئىچىش ياكى قاتتىق ھاياجانلىنىش سەۋەبىدىنمۇ بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالماسلىقى مۇمكىن، بۇلارغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.  
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر