ياشانغانلار كۈندە بىر تال ئالما يەپ بەرگەندە...

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

دېۋەڭلىك كېسىلى. ئالما شەربىتى چوڭ مېڭىدىكى خولىن ئاتىلنى قوغداپ، چوڭ مېڭىنى ئاسرايدۇ. كۈندە ئىككى ئىستاكان ئالما شەربىتى ئىچىپ بەرگەندە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى . ئالما ئاتېرىيە قېتىشىشقا تاقابىل تۇرۇپ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. كۈندە بىر تال ئالما يەپ بەرگەندە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تۇيۇقسىز ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. سۆڭەك شالاڭلىشىش. ئالما تەركىبىدە سۆڭەكنى چىڭىتىدىغان بور بىلەن مانگان بار. بور قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىستىروگېنلىق ھورمۇن بىلەن باشقا بىرىكمە ماددىلارنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ ماددىلار كالتسىينىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم. ئالما تەركىبىدە مول كالىي، تالا ھەم مېۋە يىلىمى بار بولۇپ، بەدەندىكى ئارتۇقچە ناترىي بىلەن تۇزنى چىقىرىپ تاشلاپ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈچەي راكى. ئالما تەركىبىدىكى تالالار ئۈچەيدىكى خولېستېرىننى ئازايتىپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر