ياشانغانلار ساماۋار شورپىسىنى كۆپ ئىچسە، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بولۇپ قالىدۇ

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ماددا ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىشى ۋە قاندا سۈيدۈك كىسلاتاسى كۆپىيىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، 30 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان كىشلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ساماۋار شورپىسىدا پۇرىننىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئاسانلا يەللىك بوغۇم ئاغرىقى پەيدا بولىدۇ. ساماۋار شورپىسىنىڭ تەركىبىدە 160 مىللىلىتىردىن 400 مىللىلىتېرغىچە پۇرىن ماددىسى بار بولۇپ، ئۇ گۆش ۋە شورپا ئارقىلىق ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن پارچىلىنىپ، جىگەر مېتابولىزمى ئارقىلىق سۈيدۈك كىسلاتاسىغا ئايلىنىدۇ، بىر قىسىم سۈيدۈك كىسلاتاسى قان ۋە باشقا تەركىبلەر ئارىسىغا كىرىپ، سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ مېتابولىزمىدا غەيرىي ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار، سېمىزلەردە ئاسانلا يەللىك بوغۇم ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر