مېڭە يىگىلەشكە گىرىپتار بولغانلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

مېڭە يىگلەش كېسىلى-ئادەتتە ياشانغانلاردا بولىدىغان دېۋەڭلىك كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل كېسەللىك ئادەتتە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق ياكى مەلۇم بىر دائىرە ئىچىدە قان بىلەن تەمىنلىنەلمەسلىك (قان نوكچىسى شەكىللىنىش، قان تومۇرلار توسۇلۇپ قېلىش، يۇقىرى قان بېسىم سەۋەبىدىن مېڭىگە قان چۈشۈش ) سەۋەبىدىن پۈتۈن مېڭە ياكى مىڭىنىڭ مەلۇم قىسىملىرى يىگىلەپ، شۇنىڭغا ماس ھالدا ئومۇمى بەدەن خىزمىتىدە ئاستا خاراكتېرلىك، تەدرىجىي ئېغىرلايدىغان چېكىنىش كۆرۈلىدۇ . يەنى ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى تەدرىجىي تۆۋەنلەش، بارا بارا ھەرىكەت قىلالماسلىق، بارا بارا چوڭ كىچىك تەرەتلىرىنى ئۇقالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . ئاسان ئاچچىقلايدىغان، بىرسىدىن ئىتتىك رەنجىيدىغان، بولۇپمۇ يېقىن كىشىلىرى پەرزەنتلىرىدىن دائىم ئاغرىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. دىققىتىنى يىغالمايدۇ، ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئاسان ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئەمما بۇرۇنقى ئىشلار ئېسىدە تۇرىدۇ. بەزىدە بىر خىل ھەرىكەتنى قايتا قايتا تەكرارلايدۇ.
بۇ خىل كېسەللىك ئېغىرلاشقاندا گەپ سۆز قىلىش ئىقتىدارى، مىڭىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.
كىلىنىكىدا بەزى مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دورىلار بىلەن كېسەلنىڭ ئېغىرلاپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن.


مېڭە يىگلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار كۈتۈنۈشتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك.
1.قارا شېكەر ، تاڭگازا(يۇرتلاردا كۆپرەك سېتىلىدىغان زىغىر، كۈنجۈت، ئاق ياكى سېرىق ھەممىسى بولۇۋېرىدۇ)، گۈلقەنت ( قىزىلگۈل گۈلقەنت ياكى پىننە گۈلقەنتى) قاتارلىق تاتلىق تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يەپ، ئارقىدىن قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە مېڭىنىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىگە،ئومۇمىي بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىغا پايدىلىق. چۈنكى مېڭە يىگلەش كۆپىنچە مېڭىگە ئۇزۇن مۇددەت قان، قۇۋۋەت، ئوكسىگېن قاتارلىقلارنىڭ نورمال توشۇلالماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ تۈرلۈك مېڭە، قان تومۇر كېسەللىكلىرى،قان بېسىم، دىيابېت،جىگەر كېسەللىكلىرى، ئۆسمە قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئاخىرىسىدا ياكى مۇشۇ كېسەللىكلەر بىللە ئەگىشىپ كېلىدۇ. بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ دەسلىۋى قاتتىق ئاچچىقلىنىش، ئېغىر روھىي زەربىگە ئۇچراش، جىگەرنىڭ، يۈرەك ياكى باشقا ئەزالارنىڭ نورمال خىزمەت ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، ھادىسە تۈپەيلىدىن مېڭە سىلكىنىپ قان-تومۇرلاردا ئۆزگىرىش كۆرۈلۈش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، زەھەرلىك چېكىملىكنى كۆپ چېكىش، خۇمار پەيدا قىلىدىغان نېشە تۈرىدىكى چېكىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، زىيادە كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئەزالارنىڭ نورمال خىزمەت ئىقتىدارىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چېكىندۈرىدىغان ئىش-پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش... قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى ئاخىرىسىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى مېڭە يىگلەش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. بىزدە ئاچچىق يۇتۇۋالغاندا ناۋات چاي دەملەپ ئىچىدىغان ئادەت ھېلىھەم بار. بۇنىڭ ئەسلى مەنىسى ئادەم ئاچچىقلانغاندا بەدەندىكى خىلىتلاردا سان ۋە سۈپەت ئۆزگىرىشى بولىدۇ. ( بۇنى نۆۋەتتە ئالىملار تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق، ئادەم ئاچچىقلانغاندا بەدەندە بىر تۈرلۈك زەھەرلىك گاز پەيدا بولىدۇ، ئۇنى مەلۇم سۇيۇقلۇققا كىرگۈزۈپ چاشقان تېنىگە ئوكۇل قىلىپ ئۇرغاندا ئۇ چاشقاننىڭ بىر قىسمى ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلگەن، بىر قىسمى ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولغان، شۇڭا دائىم قاتتىق ئاچچىقلىنىش بەدەنگە پايدىسىز دەپ قارىماقتا). بولۇپمۇ ئاشقازان، ئۆت قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئىشلەپچىقارغان سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ كېتىدۇ. ( شۇڭا قاتتىق ئاچچىقلانغاندا بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ گېلى ئاچچىق بولۇپ قالسا بىر قىسىملىرىنى قۇرۇق ھۆ تۇتىدۇ، بىر قىسىملىرىنىڭ ئاغزىدىن كەكرىدەك ئاچچىق تەمدىكى سېرىق ياكى يېشىل ھالەتتىكى ئۆت ياكى ئاشقازان سۇيۇقلۇقى يانىدۇ. ناۋات چاي ئىچكەندە تاتلىق بىلەن ئاچچىق تەسىرلىشىپ مەلۇم دەرىجىدىكى نېيتىراللىقنى ساقلاپ، ئاشقازاندىكى ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ كېسلاتالىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاشقازاننىڭ غىدىقلىنىشنىڭ كۈچىيىشى تەسىرىدىن بولىدىغان ئېچىشىشىنى يەڭگىللەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاچچىق ئۆت سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچەي يوللىرى ئارقىلىق قانغا بىۋاسىتە ئۆتۈپ قاننىڭ ساپلىقىنى بۇزۇشتىن ساقلاپ قالالايدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا بىز ئادەتتە تۇرمۇشتا خاپىلىق تارتقاننى ئوبرازلاشتۇرۇپ« ئاچچىق يۇتتى» دېسەك، تولا خاپا بولىدىغان، ئاچچىقى يامان ئادەمنى «سەپرا مىجەز»، «قېنى قىزىق» دەيمىز. بۇ ھەممىسى شۇ قەدىمكى تېبابىتىمىزنىڭ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىپ ئاللىقاچان كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئەقەللىي بىر ياشاش ساۋاتلىرىنىڭ، قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك ئاۋام تېبابىتىنىڭ مۇھىم قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈش تەس ئەمەس. يۇقىرىقىدىن باشقا، ھەسەل سۈيى ئىچىپ بېرىلسە ياخشى بولىدۇ. چۈنكى ھەسەل يېمەكلىكلەر ئىچىدە ئەڭ تەبىئىي، ئەڭ تاتلىق يېمەكلىكتىن بىرسى بولۇپ بىر -ئىككى قوشۇق ھەسەلگە بىرەر چىنە قايناقسۇنى تەڭشەپ ئارىلاپ ئىچىپ بەرگەندە بەدەنگە زۆرۈر بولغان قۇۋۋەتنى تولۇقلىغىلى بولغاننىڭ ئۈستىگە يەنە ئاشقازان ئۈچەينىڭ كىرلىرىنى ئېلىپ، قەۋزىيەت بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. بادام، ياڭاق، ئۆرۈك، پىستە، قارا كىشمىش قاتارلىق تۈرلۈك مېغىزلارنى ناشتىدا مۇۋاپىق يەپ بېرىش ئەگەر بەدەنگە ئىسسىق كېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسا قوشۇمچە نەشپۈت، قوتۇر ئامۇت قاتارلىق بەدەنگە ھۆللۈك پەيدا قىلىدىغان، چوڭ تەرەت ۋە سۈيدۈك ھەيدەيدىغان مېۋە-چېۋىلەرنى قوشۇمچە يەپ بېرىش؛ كۆڭلى تارتقان دائىرە ئىچىدە توشقان گۆشى، پاقلان قوينىڭ مېڭىسى، بېلىق بېشى، ئۆردەك گۆشى قاتارلىقلارنى ئارىلاپ يەپ بېرىشمۇ مېڭىنى قۇۋۋەتلەش رولىنى ئوينايدۇ.
3.قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئادەتتە مېڭە يىگلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەرىكىتى نىسبەتەن ئازلايدۇ، ئىنكاسى ئاستىلاپ خامۇشراق بوپ قالىدۇ....شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم بىمارلاردا قان ئايلىنىش ئاستىلىغانلىقتىن ئۈچەي، ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتى ئاستىلاپ قەۋزىيەت بولۇش ئەھۋاللىرى كۈچەيسە، يەنە بىر قىسىملىرىدا تەرەت تۇتالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ بىر قىسىم نېرىپلارنىڭ تەدرىجىي پالەچلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر. شۇڭا بەدەننى يېنىك ئۇۋۇلاپ بېرىش، بېشىنى ياغاچ تارغاق بىلەن قۇرۇق بولسىمۇ پات-پات تاراپ بېرىش كېرەك.
3.ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرە ئىچىدە يازدا توپىدا يالاڭئاياغ يۈرۈپ بېرىش، قىش كۈنلىرى پۇتتا ئايلاندۇرىدىغان، ياغاچ ئۇرۇقلۇق چوتقا ئوخشايدىغان، ياغاچتىن ياسالغان پۇتنى ئۇۋۇلاش ئەسۋابىدا پۇت ئالىقىنىنى سۈركەپ ئايلاندۇرۇپ بېرىش ياكى بالىلار ئۆزلىرى بارماقلىرىنى پۇت ئالىقىنىغا پاتۇرۇپ ئۇۋۇلاپ بېرىش ئارقىلىق ئالىقان ئاستىدىكى بىر قىسىم نېرىپ، تومۇرلارنىڭ غىدىقلىنىپ جانلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. بۇ ئۇيقۇ ۋە قان ئايلىنىشقا پايدىلىق.
4.دۇتار، تەمبۇر تۈرىدكى سازلارنى چېلىپ بېرىش، تەسۋىي سىيرىش بارماق ئۇچلىرىدىكى سەزگۈ نېرۋا ئۇچلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە كەيپىياتنى ياخشىلاپ، روھىي ھالىتىدىكى چۈشكۈن، سۇنۇق كەيپىياتنى ياخشىلاشتا ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا يەنە كىتاب ئوقۇش، ھۆسنخەت، رەسىم سىزىش، كەشتە توقۇش، بالىلار بىلەن ئويناش، تەڭتۇشلار مۇۋاپىق ئارىلىشىپ چاي ئويناش، بىمارنى قاتناشتۇرۇپ تۇرۇپ خەيرى-ساخاۋەت ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش خالىس ياخشى ئىش قىلىش...دېگەندەك پائالىيەتلەرمۇ بۇ كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ.
5. مۇۋاپىق ھەرىكەت ۋە مۇۋاپىق دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، شارائىت يار بەرسە تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلغان،كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇنراق بولغان يۇرتتا(مۇھىتتا )تۇرغۇزۇش، يازدا قەۋەتسىز ئۆيدە توخۇ، كەپتەر، قۇشقاچ، قوي-كالا قاتارلىق ئۆي قۇشلىرى ياكى باقمىچىلىقنى، قىشتا گۈل ئۆستۈرۈش، بېلىق بېقىش، قۇشقاچ بېقىش قاتارلىق( بۇ جەرياندا يەم بېرىش، سۇ بېرىش، ئۇلارنى كۆزىتىش يوللىرى بىلەن بىماردىكى پەرىشانلىق يوقىلىپ دىققەت چېچىلىدۇ، كۆڭلى كۆتىرىلىپ قالىدۇ) بىمار ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك دائىرە ئىچىدە ئۆزىنى ئىپادىلەش، ئەمگەككە قاتنىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. بۇ شۇ ئادەمدە ئۈمىد، ئىشەنچ تۇرغۇزۇپلا قالماي بىھۇدە خىيال قىلىدىغان، ئۆتمۈشتىكى كۆڭۈلسىز ئىشنى ئويلايدىغان ھالەتتىن قۇتۇلۇشىغا، زېھنىنى ئېچىشقا پايدىلىق.
6. شۇم خەۋەر، كۆڭۈلسىز پاراڭ، ئادەمنى غەش قىلىدىغان ناچار مۇھىت ۋە شاۋقۇن-سۈرەنلىك شارائىتتىن ئايرىش، روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك.بولسا يۇمۇر كىتابلىرى، خەلق ناخشىلىرى، رادىيو، ئېلكىتاب،چىرايلىق رەسىم... قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش،ئۆزىنى ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە،قىزىق گەپ قىلىپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇش، ئائىلە ئەزالىرى پات-پات شۇ ئۆيگە جەم بولۇپ ئاز بولسىمۇ سوۋغات بېرىپ تۇرۇش ،بىمارنىڭ بۇ ئائىلە ئۈچۈن ناھايىتىمۇ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرۇش، كەسىپ ئىگىسى بولسا ھەدىسىلا يات، ئۇخلا، ئارام ئال دېمەستىن ئۆز كەسپىنى قۇربى يېتىشىچە قىلىشقا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. چۈنكى ئۆزى خالاپ قىلغان كەسىپلا بولسا بىمار دەم ئېلىش، ھۇزۇر ھېس قىلىدۇ. بۇ پايدىلىق؛ شارائىت يار بەرسە ئۇزۇن ۋە قىسقا مۇساپىلىك ساياھەتكە ئېلىپ چىقىش ئۈمىدسىز مۇھىتتىن ئىمكان بار يىراق قىلىش كېرەك.


iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر