بالدۇر قېرىشنىڭ ئالامەتلىرى

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: قېرىشنىڭ سىرلىرى | ۋاقتى: 2011/09/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 05 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بالدۇر قېرىشنىڭ ئالامەتلىرى تۆۋەندىكى بەش تەرەپتىن ئىپادىلىنىدۇ:
1. بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەيدۇ

بوينىڭ پاكارلىشىشى كۆپىنچە بەدەندىكى كالتىسي مېتابولىزمىنىڭ نورمالسىزلىشىشىدىن، سۆڭەكلەرنىڭ بوشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ بالدۇر قېرىشنىڭ دەسلەپكى بېشارىتىدۇر. سۆڭەكتە كالتسىي كېمەيگەنلىكتىن، ئۇمۇرتقىلارنىڭ ئەگرى-بۈگرىلىشىشى تەدرىجىي ئېشىپ، ئۇمۇرتقىلار ياپىلاقلىشىپ، پۇت ئەگرىلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بوي پاكارلايدۇ. سۆڭەكتە كالتسىي كېمىيىپ كېتىپ ئۆزگىرىش پەيدا بولسا، مۇسكۇللارمۇ يىگىلەيدۇ؛ بەدەندىكى مېتابولىزم نورمالسىزلاشسا، ئەزا توقۇلمىلار سۇسىزلىنىدۇ؛ كېسەللىك ياكى روھىي ئامىللارمۇ بەدەندە ئوزۇقلۇق كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.


2. قورۇق ۋە داغلار پەيدا بولىدۇ

بالدۇر قېرىشنى ئادەمنىڭ تېرىسىدىنمۇ بىلىۋالغىلى بولىدۇ. تېرە ئورگانىزمنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ قېرىغاندا، ئەۋرىشىملىكى ئاجىزلاپ، قورۇقلار كۆپىيىدۇ، يىرىكلىشىپ تېرە تاشلاپ، داغلار شەكىللىنىدۇ. ئېغىزدىن مەڭزى سۆڭىكىگىچە ئېرىقچە قورۇقلار پەيدا بولىدۇ، شۇنداقلا قاپاق ئىششىپ، كۆز ئالمىسى ئولتۇرىشىدۇ؛ يۈز ۋە بويۇن قىسمىغا قوڭۇر داغلار چۈشىدۇ. تېرىدىكى قورۇقلار قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە چوڭقۇرلىشىدۇ، داغلارمۇ كۆپەيگەنسېرى قېنىقلىشىدۇ، شۇنىڭغا ماس ھالدا قېرىش دەرىجىسىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.


3. چىش ۋە چاچ چۈشىدۇ

چىش مىلىكى تەدرىجىي يىگىلەپ، چىش يىلتىزى ئېچىلىپ قالىدۇ، نەتىجىدە چىشنىڭ تايانچىسى بولمىغانلىقتىن، بوشاپ چۈشۈپ كېتىدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، چىش ھېچقانداق سىرتقى زەخىملىنىش ۋە ئالاھىدە كېسەللىكلەر بولمىغان ئەھۋالدىمۇ، بوشاپ چۈشۈپ كېتىدۇ، چاچنىڭ ئاقىرىشى تېزلىشىپ، باشنى يۇغاندا ياكى ئۇخلاۋاتقاندا كۆپلەپ چۈشسە، بۇلارنىڭ ھەممىسى بالدۇر قېرىشنىڭ بېشارىتىدۇر.


4. ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ

ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاش دېگىنىمىز، ئاۋازنىڭ جاراڭلىقلىقىغا بولغان سەزگۈلۈك دەرىجىسى ئاجىزلىغاندىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى ئاۋاز ۋە ئاۋازنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى ئايرىش ئىقتىدارى ئاجىزلاشنى كۆرسىتىدۇ؛ كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىزلاش دېگىنىمىز، يېقىن ئارىلىقتىكى نەرسىلەرنىلا كۆرەلەيدىغان بولۇپ قېلىشتىن سىرت، ئەڭ مۇھىمى قاراڭغۇغا ماسلىشىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ۋە كۆرۈش دائىرىسى تارىيىشىنى كۆرسىتىدۇ. بالدۇر قېرىغاندا نۇرغۇن كىشىلەردە، ئەڭ ئاۋۋال ئاۋاز ۋە ئاۋازنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە قاراڭغۇغا ماسلىشىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ۋە كۆرۈش دائىرىسى تارىيىشتىن باشلىنىدۇ.


5. تەپەككۇر قىلىش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارى چېكىنىدۇ 

نورمال ئەھۋالدا، 50 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان كىشىلەردە مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرى %20 ئەتراپىدا ئازىيىدۇ. قېرىش ئالامەتلىرى بالدۇر كۆرۈلسە، مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ تېزلىكتە ئازىيىۋاتقانلىقىنى، چوڭ مېڭىنىڭ يىگىلىشمۇ تېزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر ئوتتۇرا ياشلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى چېكىنىش، سۆزى باغلاشماسلىق ھەمدە گۇمانخور، ئەندىشە قىلىدىغان، كۆپ سۆزلەيدىغان بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بۇمۇ بالدۇر قېرىشنىڭ ئىپادىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر