بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى بىلەن پۇت ئاغرىقىنىڭ مۇناسىۋىتى

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى ئوتتۇراياش ۋە ياشانغان كىشىلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرسى. بويۇن ئومۇرتقىسى ئۇزاق مەزگىللىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا ھەرخىل ئامىللارنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرايدۇ. بويۇن قىسمىغا سوغۇق ئۆتۈش، تاشقى زەخىملىنىش، چېكىنىش، زورۇقۇش، خاتا ئۇخلاش ھالىتى، ىىزمەت قىلىش ھالىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگرى سىزىقنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى، بوغۇم، سىڭىر قاتارلىق توقۇلمىلارنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بويۇندىكى نېرۋا يىلتىزى، يۇلۇن، ئومۇرتقا ئارتېرىيەسى ۋە بويۇن قىسمىدىكى سىمپاتىك نېرۋا قاتارلىق توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى ناھايىتى كۆپ تىپلارغا بۆلۈنىدۇ. ئوخشاش بولمىغان تىپلاردىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. يۇلۇن تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى دائىم پۇتنى ئاغرىتىدۇ.
يۇلۇن تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەىسىسى ئارقىغا تومپىيىپ چىقىش، ئومۇرتقا تېنى ئارقا گىرۋىكىگە سۆڭەك ئۆسۈش، كۈندىلەڭ تارىمۇشنىڭ قېلىنلىشى، ئومۇرتقا قانىلىنىڭ تارىيىشى، ئومۇرتقا تېنىنىڭ تېيىلىپ يۆتكىلىشى قاتارلىق ئامىللار يۇلۇننى بىۋاسىتە باسىدۇ ياكى سىمپاتىك نېرۋىنىڭ غىدىقلىشى بىلەن يۇلۇن قان تومۇرى تارتىشىشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن يۇلۇننىڭ نېكروزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە پۇت-قولنىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يۇلۇن تىپىدىك بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى يەنە مەركىزىي تىپلىق ۋە ئەتراپ تىپلىق دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. مەركىزىي تىپلىقىدا كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشى قولدىن باشلىنىپ پۇتقا تەرەققىي قىلىدۇ. ئەتراپ تىپلىقىدا كېسەللىكنڭ يۈز بېرىشى پۇتتىن باشلىنىپ قولغا تەرەققىي قىلىدۇ. بۇنىڭدىن يۇلۇن تىپلىقىدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئەتراپ تىپلىقىنىڭ پۇت ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى كۆرۈش تەس ئەمەس. ئۇنىڭدا يۇلۇننىڭ ئىككى تەرىپى بېسىلغاچقا ئۇنىڭ كىلىنىكىلىق ئالامىتى ئاساسلىقى ئاستا داۋاملىشىش خاراكتېرلىك پۇت ئۇيۇشۇش، مۇزلاش، ئاغرىش ۋە يول مېڭىشى مۇقىم بولماسلىق، قەدەم ئېلىشى قوپال بولۇش، تىترەش، كۈچىسز بولۇش قاتارلىقلاردۇر.
بەزى بىمارلاردا « پاختىغا دەسسىگەندەك تۇيغۇ » پەيدا بولىدۇ. بېشى ئېغىر، پۇتى يېنىك بولۇپ، دائىم يىقىلىپ چۈشىدۇ. كېسەللىك قوزغالغاندىكى دەسلەپكى چاغلاردا دائىم ئارىلاپ يۈز بېرىدۇ. ھېرىش، كۆپ پىيادە مېڭىش قاتارلىقلار كېسەللىك ئالامىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئاز ساندىكى بىمارلار بېشىنى تۇيۇقسىز ئۈستىگە كۆتۈرگەندە، پۈتۈن بەدەن ئۇيۇشۇش، پۇت بوشاش يۈز بېرىدۇ، ھەتتتا يىقىلىپ چۈشىدۇ. كېسەللىك جەريانىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كېسەللىك ئالامىتى تەدرىجىي ئېغىرلايدۇ ھەمدە داۋاملىشىش خاراكتېرلىككە ئۆزگىرىدۇ. بۇنىڭ ئالامىتى تۇيۇقسىز تارتىشىش خاراكتېرلىك پالەچلىنىش، كارىۋاتتا يېتىپ قوپالماسلىق، ھەتتا نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش قاتارلىق. دوۋساق، تۈز ئۈچەي قورۇغۇچى مۇسكۇلىدىكى كېسەللىك ئالامىتىمۇ دائىم كۆرۈلىدۇ. بۇ سۈيدۈك قىستاش، پات-پات سىيىش، سۈيدۈكنىڭ چىقىشى جانسىز بولۇش، چوڭ تەرەت جانسىز بولۇشلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئايرىم بىمارلاردا يەنە جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچراش كۆرۈلۈپ، پۇت-قول پالەچلىنىش، ئىككى پۇت بىر قول پالەچلىنىش، يارتا پالەچ، گىرەلەشمە پالەچلنىش قاتارلىق كۆپ خىل كەنجى تىپلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
يۇلۇن تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ھەرخىل بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكلىرىنىڭ %15 ~ %10 نى ئىگىلەيدۇ. كىلىنىكىدىكى ھەر خىل بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنىڭ ھەممىسى يۇلۇن تىپىغا تەرەققىي قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ساندىكى يۇلۇن تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. ئەمما، كېسەللىك قوزغالغان مەزگىلدە ماڭالماي يىقىلىپ زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. يۇلۇن تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى ئىككى پۇتنى ئاغرىتىدۇ. ئارىلاپ ئاقساپ مېڭىشى، زارلىنىشى بىلەن كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنىڭ ماس كەلمەسلىكى، بويۇن قىسمىنى ئارقىغا سۈرۈشنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى ۋە ئاغرىقتىكى ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىككە ئاساسەن بۇ كېسەللىككە ئېنىق دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ. دىياگنوز قويۇش قىيىن بولغان ئايرىم ساندىكى بىمارلارنى CT دا سايىلاندۇرۇش، يادرو ماگنىتلىق رېزونانس ياكى ئومۇرتقا قانىلىنى سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىق نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر