ياشانغانلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە ساغلاملىق

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئۇيغۇر تېبابىتى ئ | ۋاقتى: 2011/09/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر تېبابىتى | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ياشانغانلار ھەزىم قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا قاراپ بىر كۈندە ئىككى ياكى ئۈچ قېتىمغا بۆلۈنۈپ ئاز-ئازدىن ئوزۇقلاندۇرلىدۇ. ئۈچىنچى سائەتتە ياخشى يېقىلغان نان ھەسەل بىلەن، يەتتىنچى سائەتتە مۇنچىدىن كېين تەرەتنى يۇمشاتقۇچى يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرلىدۇ.  كەچكە يېقىن ئاسان ھەزىم بولىدىغان غىزالار بېرىلىدۇ. ھەزىمى ياخشى بولسا غىزانىڭ مىقدارى ئازراق كۆپەيتىلىدۇ. سەۋدا، بەلغەم كۆپەيتىدىغان ھەر قانداق تەس ھەزىم بولىدىغان غىزالاردىن، ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا-دەرمانلارغا ئوخشاش قۇرۇتقۇچى، ئۆتكۈر خاراكتىرلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ، ئەمما دورىلىق ئۈچۈن ئىستېمال قىلدۇرۇلسا بولىدۇ.
ياشانغانلار خاتالىشىپ تۇزلۇق يېمەكلىكلەر، پەتىنگان، قۇرۇتۇلغان گۆش، قېرى بېلىق گۆشى، تاۋۇز، تەرخەمەككە ئوخشاش بىرىنچى خىلدىكى يىمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغان بولسا ياكى قۇرۇتقۇچى ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا-دەرمانلارنى، قەھۋەگە ئوخشاش يىمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ قويغان بولسا، شۇ يېمەكلىكلەرگە قارىمۇ-قارشى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلدۇرۇش بىلەن ئىلاج قىلىنىدۇ. بەدىنىدە كېرەكسىز ماددىلارنىڭ بارلىقى بايقالسا، ماددىنى يۇمشاتقۇچى، ئۇچۇچانلاشتۇرغۇچى يېمەكلىكلەر بېرىلىدۇ. كېرەكسىز ماددىلار تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى يېمەكلىكلەر، ئارىلاپ-ئارىلاپ ماددىنى ئۇچۇچانلاشتۇرغۇچى يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.
سۈت ئوزۇقلاندۇرىدىغان ۋە ھۆللۈك يەتكۈزىدىغان بولغاچقا، ياشانغانلاردىن ئۇنى سىڭدۈرەلەيدىغان، ئىچىپ بولغاندىن كىين جىگەر ساھەسى ياكى قورسىقىدا كۆپۇش، بەدىنى قىچىشىش ياكى ئاغرىق ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە، ئىستېمال قىلسا  بولىدۇ.
سۈتلەرنىڭ ئىچىدە ياشانغانلارغا ئەڭ مۇۋاپىقلىرى ئۆچكە سۈتى ۋە ئېشەك سۈتىدۇر. ئېشەك سۈتى ئاسان ئۇيۇماسلىق، تېز ھەزىم بولۇش، بولۇپمۇ تۇز، ھەسەل بىلەن ئىچىلسە تېخىمۇ تېز ھەزىم بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئەمما مەزكۇر چارۋىلارنىڭ قىرتاق، ئۆتكۈر، چۈچىمەل ياكى زىيادە تۇزلۇق ئوت-چۆپ ۋە يەم-خەشەكلەرنى يېمىگەن بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ياشانغانلار ئىستېمال قىلىدىغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرگە كەلسەك، ئۇلار قىزىلچا، كەرەپشىگە ئوخشاش كۆكتاتلاردىن ئىبارەت. ياشانغانلار چوڭ تەرىتىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن، ئاز مىقداردىكى كۈدىنى تائامدىن ئىلگىرى  زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يىسە بولىدۇ. سامساق يېيىشكە ئادەتلەنگەن بولسا، بەزى ۋاقىتلاردا سامساق ئىستېمال قىلىپ بەرسە پايدىلىق بولىدۇ.
زەنجىبىل مۇرابباسى ياشانغانلارغا ئەڭ ماس كېلىدىغان، ئەڭ ئىسسىق بولغان داۋايى غىزا. ئۇ بەدەننى قۇرتقۇدەك مىقداردا ئەمەس، بەلكى ھەزىم بولۇپ بەدەننى قىزىتقۇدەك مىقداردا ئىستېمال قىلىنىشى كېرەك.
ياشانغانلارنىڭ غىزالىرى ھۆللەشتۈرگۈچى خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىشى كېرەك.
ياشانغانلارنىڭ چوڭ تەرىتىنى بوشۇتۇش ئۈچۈن، ياز پەسلىدە مېۋىلەردىن ئەنجۈر بىلەن قارا ئۆرۈك، قىش پەسلىدە ھەسەل بىلەن قاينىتىلغان ئەنجۈر قېقى تائامدىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.
ياشانغانلارنىڭ چوڭ تەرىتىنى بوشىتىش ئۈچۈن سۇ، تۇز، زەيتۇن يېغى بىلەن قاينتىلغان يۆگىمەچ ئوت سۈيى، بىستىپايەنجى سېلىنغان توخۇ شورپىسى ياكى قىزىلچا شورپىسى ياكى كاللەك سەي شورپىسىنى ئىچسىمۇ بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ چوڭ تەرىتى بىر كۈنى يۇمشاق، يەنە بىر كۈنى قاتتىق كەلسە ئىچنى سۈرگۈچى ياكى ئۈچەينى سىلىقلىغۇچى دورا بېرىش ھاجەتسىز. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىچى بىر كۈن مېڭىپ ئىككى كۈن قەۋزىيەت بولسا، يۆگىمەچ ئوت، كاللەك سەي، زاراڭزا ئۇرۇقى سېلىنغان ئارپا ئېشىغا ئوخشاش يېمەكلىكلەر يىگۈزۈلسە پايدا قىلىدۇ.
يەنە زاراڭزا ئۇرۇقى ئون ھەسسە ئەنجۈر قېقى بىلەن بىرلىكتە ياڭاق چوڭلىقىدا ئىستېمال قىلىنسا ياشانغانلارنىڭ چوڭ تەرىتىنى بوشىتىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر