
1. سەكتىنىڭ ئىلمى نامى ۋە خەتىرى
1) سەكتىنىڭ ئىلمىي نامى
سەكتە تىلغا ئېلىنسا نۇرغۇن كىشىلەر يارتا پالەچلىنىش، يېرىم بەدەننىڭ ھەرىكىتى قولاشماسلىقنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش توغرا ئەمەس. يارتا پالەچلىنىش سەكتىنىڭ كېسەللىك ئاسارەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، سول تەرەپ ياكى ئوڭ تەرەپتىكىى پۇت-قوللارنىڭ پالەچلىنىپ، بىمالال ھەرىكەت قىلالمايدىغان كېسەللىك ئالامىتىنى كۆرسىتىدۇ. سەكتىنىڭ تېببىي ئىلىمدىكى نامى جىددىي خاراكتېرلىك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىدۇر. ئۇ مېڭىدىكى قان تومۇرلاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىش سەۋەبىدىن مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى تەسىرگە ئۇچراپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مېڭە توقۇلمىلىرىنى قىسمەن زىيانغا ئۇچرىتىدىغان بىر خىل كېسەللىكتۇر. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشى كۆپىنچە ھاللاردا تۇيۇقسىز بولغاچقا، كېسەللىك ئۆزگىرىشىمۇ خۇددى ئۇشتۇمتۇت قاتتىق بوران چىققاندەك ناھايىتى تېز بولىدۇ. شۇڭلاشقا كىشىلەر دائىم ئۇنى شامال دارىش دەپ ئاتايدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، سەكتە ئەمەلىيەتتە بىر خىل مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىدۇر.
2) سەكتىنىڭ خەتىرى
ھەممىگە مەلۇمكى، ئادەمنىڭ ھاياتىنى چوڭ مېڭىدىكى تەخمىنەن 14 مىليارد نېرۋا ھۈجەيرىسى ئىدارە قىلىدۇ. ئۇلاردا تەبىئىي ھالدا بەدەن ( ئادەم تېنىدىكى بارلىق ئىچكى ئەزالار، توقۇلمىلار، پۇت- قوللار، ھەربىر سۆڭەك، مۇسكۇل ھەتتا ھەربىر ھۈجەيرە قاتارلىقلار ) گە فىزىيولوگىيەلىك قوماندانلىق قىلىش، تىزگىنلەش ۋە تەڭشەش ئىقتىدارى بولىدۇ. مېڭە قان تومۇرلىرىدا بىردىنلا مەسىلە كۆرۈلسە، مېڭە ۋە باشقا ئەزالارغا بولغان تەسىرى ئەلۋەتتە زور بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئادەم ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلار بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ ئىلمىي چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1400 گىرام بولۇپ، پۈتۈن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %3 گە يەتمەيدۇ، بىراق ئۇنىڭ قانغا بولغان ئېھتىياجى يۈرەك سىقىپ چىقارغان قان مىقدارىنىڭ %20 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئوكسېگىن سەرپىياتىمۇ پۈتۈن بەدەن ئوكسىگېن سەرپىياتىنىڭ %20 ىنى، گىلۇكوزا سەرپىياتى پۈتۈن بەدەن گىلۇكوزا سەرپىياتىنىڭ %70 ىنى ئىگىلەيدۇ. چۈنكى، مېڭە توقۇلمىلىرىدا ئاقسىل ۋە ماينىڭ ساقلىنىش مىقدارى ناھايىتى ئاز، گىلىكوگېن زاپىسى يوق بولغاچقا، مېڭە توقۇلمىلىرى ئورۇندايدىغان ھەر خىل خىزمەتلەرگە كېرەكلىك ئوكسىگېن ۋە گىلۇكوزىنىڭ ھەممىسى قان ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ؛ شۇنداق بولغاچقا، مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، قان كەملىككە ناھايىتى سەزگۈر بولىدۇ. نورمال ئادەمنىڭ ھەر 100 گىرام مېڭە توقۇلمىسىنىڭ ھەربىر مىنۇتلۇق نورمال خىزمىتىنى ئادا قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان قان ئېقىنى مىقدارى 50 ~ 45 مىللىمېتىر بولىدۇ. بۇنداق قان ئېقىنىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئارتېرىيەنىڭ قىسقىرىش بېسىمى ئەڭ كىچىك بولغاندا 60 ~ 55 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى بولۇشى كېرەك. ئەگەر قان بېسىمى بەك تۆۋەن بولۇپ قالسا مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ياخشى بولغاندا مېڭىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا مېڭىدىكى قان ئايلىنىش نورمال بولمىغاندا قانداق ئەھۋاللار كېلىپ كېلىپ چىقىدۇ؟ مېڭىدىكى قان ئايلىنىش قىسمەن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندا، قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان رايوندىكى مېڭە توقۇلمىسى قان كەملىك سەۋەبىدىن نېكروزلىنىپ ( ئۆلۈپ ) ۋە يۇمشاپ كېتىپ، مەركىزىي نېرۋا فۇنكسىيەسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېڭىگە ئېقىپ كىرىدىغان قان پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەندە، چوڭ مېڭە ئوكسىگېن ۋە گىلۇكوزىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، مېڭىدىكى قان ئېقىنى بەش سېكۇنت ئۈزۈلسە چوڭ مېڭىنىڭ پوستلاق قەۋىتى ئۆلۈشكە باشلاپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئەسلىگە كەلمەيدىغان زەخىمگە ئۇچرايدۇ؛ مېڭىدىكى قان ئېقىنى 30 مىنۇت ئۈزۈلسە مېڭە غولى نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئۆلۈشكە باشلايدۇ؛ مېڭىدىكى قان ئېقىنى 50 مىنۇت ئۈزۈلسە يۇلۇن ھۈجەيرىلىرى ئۆلۈشكە باشلايدۇ. مېڭىدىكى قان ئېقىنىنىڭ ئۈزۈلۈش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى بىمارغا يەتكۈزىدىغان زىيان- زەخمىتى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
مەملىكىتىمىزدە ھەر يىلى نەچچە مىليون ئادەم سەكتە سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، راك ۋە يۈرەك كېسەللىكىدىن قالسىلا سەكتە سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش، مېيىپ بولۇپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى بىلەن پۇت ئاغرىقىنىڭ مۇناسىۋىتى
- كېيىنكىسى : ياشانغانلار چېنىققاندا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﺪﺍ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭ
يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 1. سەل قارىماسلىق،دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك. قان بېسىمى ياخشى تىزگىنلەنمىسە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە سەكتە قاتارلىق كېسەللەرن
