ياشانغانلار چېنىققاندا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

1. سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك. چېنىقىش قارارىغا كەلگەندىن كېيىن، ياخشىسى بىر قېتىم سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ، دوختۇرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بېقىش كېرەك. بۇرۇندىن تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىر مەزگىل چېنىققاندىن كېيىن بىر قېتىم سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ، چېنىقىش ئۈنۈمىنى ئىگىلەش ۋە بەدەندە  كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.


2. مۇۋاپىق ھەرىكەت تۈرىنى تاللاش كېرەك. چېنىقىش تۈرلىرىنى تاللىغاندا «ئىككىنى قىلىش، ئىككىنى قىلماسلىق»قا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: بىرى، پۈتۈن بەدەن ھەرىكەتلىنىدىغان، ھەرىكىتى سىلىق ۋە ئاستا بولغان تۈرلەرنى تاللاش، ئېغىر ھەرىكەت قىلىدىغان، تېز يۈگۈرىدىغان ۋە مۇسكۇل زىيادە جىددىيلىشىدىغان، كۈچەيدىغان تۈرلەرنى تاللىماسلىق كېرەك؛ يەنە بىرى، ھەرىكىتى ئاددىي، ئاسان ئۆگەنگىلى بولىدىغان، بەدەن ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى ئانچە مۇرەككەپ بولمايدىغان تۈرلەرنى تاللاش، باشنى بەك تۆۋەن سېلىپ، بەلنى بەكرەك ئېگىدىغان، بەدەن ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولغان ھەرىكەتلەرنى تاللىماسلىق لازىم. ياشانغانلارغا نىسبەتەن پىيادە مېڭىش ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئاددىي چېنىقىش شەكلى ھېسابلىنىدۇ. ياشانغانلار ھەر قېتىمدا 3km، 40 مىنۇت، ھەر ھەپتىدە 5 قېتىم پىيادە ماڭسا، سالامەتلىكىگە ناھايىتى پايدىلىق. پىيادە مېڭىش يۈرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىقنى ياخشىلايدۇ؛ قان تومۇرلارنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىپ، قان تومۇر يېرىلىش خەۋپىنى ئازايتىدۇ؛  پۇت، پەي - سۆڭەكلەرنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بوغۇملارنى ھەرىكەتچان قىلىپ، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
3. ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ كىيىنىش كېرەك. قاتتىق چەملىك ئاياغلارنى كىيمەسلىك كېرەك، بولمىسا يىقىلىپ يارىلىنىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؛ ئامال بار پۇتىغا دەل كېلىدىغان ئاياغ كىيىش، بەك قېلىن كىيىنىۋالماسلىق كېرەك. ياشانغانلارنىڭ تەبىئىي مۇھىتتىكى ئىسسىق، سوغۇق ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ناچار، شۇڭا ھاۋا سوغۇق ياكى شىۋىرغانلىق كۈنلەردە ئەڭ ياخشىسى ئۆي ئىچىدە چېنىقىش كېرەك.
4. ياشانغانلارنىڭ ماسلاشتۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز، شۇڭا باغچا، كۆكەرتىش بەلبېغى ياكى ئادەملەر ئاز، تىنچ جايلاردا چېنىقسا ياخشى. ئالاھىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، چېنىقىش داۋامىدا مەيدىسى بىئارام بولۇش، بېشى قېيىش، كۆزى قاراڭغۇلىشىش ياكى يۈرەك رېتىمى نورمالسىزلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، دەرھال چېنىقىشنى توختىتىپ، دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر