تەتقىقات ئۇچۇرى: ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنى داۋالاشتىكى يېڭى بۆسۈش

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

كاتتا خوش خەۋەر! ئاۋسترالىيە قىتئەسىدە ياشانغانلاردىكى دىۋەڭلىكنى داۋالاشتىكى يېڭى بۆسۈش: ئاۋستىراليە ئالىملىرى ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى بىلەن يىلان زەھىرى ئارقىلىق ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكىنى داۋالاپ، بىمارلارنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى زور دەرىجىدە ئازايتتى
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتىتى ئۇيغۇر تېبابەت ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىسى خانقىز تۇرغۇن تەرجىمىسى
مەنبە: ئاۋسترالىيە مىكرو گېزىتى
نۆۋەتتە، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكى دۇنياۋى «تارقىلىشچان كېسەللىكلەر» نىڭ بىرى دەپ قارالماقتا. بۇ كېسەللىك تەرەققىي قىلغان ئەللەردە  ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆپ خىل سەۋەبلەر ئىچىدە 4-ئورۇندا تۇرى دىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكى Alzheimers disease,ADV دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قېرىلىق دەۋرى ۋە بۇ دەۋردىن ئىلگىرىكى بىر خىل بىرلەمچى چىكىنىش خاراكتېرلىك مېڭە كېسەللىكىنى، يەنە كېلىپ بىر خىل داۋاملىشىش خاراكتېردىكى ئالىي نېرۋا فۇنكسىيەسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئاڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىغان ئەھۋالدا، ئەستە تۇتۇش، تەپەككۇر قىلىش، تەھلىل يۈرگۈزۈش، ھۆكۈم قىلىش، بوشلۇقنى پەرق ئېتىش، كەيپىيات قاتارلىقلارنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشنى كۆرسىتىدۇ.

ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكى بىمارنىڭ ئۆزىگىلا ئەمەس، يەنە ئائىلە تاۋاباتلىرىغا نىسبەتەنمۇ ئېغىر ئازاب. چوڭلارنىڭ بىر ئۆمۈر تىركىشىپ ياشاپ، ئاخىرقى تۇرمۇشىدا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قېلىشى، ھەتتا ئۆز يۈرەك پارىسى ۋە تۇققانلىرىنىمۇ تونىيالماس بولۇپ قېلىشى ئائىلە ئەزالىرى كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئازاپلىق قىسمەت .
ئادەمنى ھەممىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغىنى شۇكى، نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا بۇ كېسەللىكنى داۋالايدىغان ياكى كېسەللىك تەرەققىياتىنى تىزگىنلەيدىغان ئۈنۈملۈك دورىنىڭ يوقلۇقى.
بىراق بۈگۈندە، ئاۋسترالىيە ئالىملىرى يەنە بىر قېتىم پۈتۈن دۇنيادىكى ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسەللىكى بىمارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئۈمىد چىرىقىنى يورۇتتى.
Queensland Brain Institute  دىكى ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىشچە، دورىسىز ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى سىكانېرلاش تېخنىكىسى ئىشلىتىش بىلەن دېۋەڭلىكنى داۋالايدىغان ئانتېتلا دورىنى ماسلاشتۇرۇپ، تەجرىبە چاشقىنىنىڭ دېۋەڭلىك كېسەللىكى ئالامەتلىرىنى ئۈنۈملۈك يەڭگىللەتكەن. ھايۋانات تەجرىبىسنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشى ئېھتىمال ئىنسانىيەت تېببىي ئىلمىنىڭ يېڭى تاڭ شەپىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

مەلۇم ۋاقىت ئىلگىرى ئالىملار ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇننىڭ ياشانغانلار چوڭ مېڭىسىدىكى زىيانلىق ئاقسىلنى چىقىرىپ تاشلايدىغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە بۇنىڭ نەتىجىسدە دېۋەڭلىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىپ، بىمارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدى.
بۇ قېتىملىق ئەڭ يېڭى بايقاشتا، ئەگەر دېۋەڭلىك كېسەللىكىگە قارىتا، ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى سىكانېرلاش تېخنىكىسى ئىشلىتىلىش بىلەن دېۋەڭلىكنى داۋالايدىغان ئانتېتلا دورا ماسلاشتۇرۇلۇپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، داۋالاش ئۈنۈمى كۆرنەرلىك يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. چۈنكى بۇ تۈرلۈك تېخنىكا ئەڭ ئاخىردا، چوڭ مېڭىگە كىرىدىغان دورا مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشچە، چوڭ مېڭە ۋە قان تومۇر ئارلىقىدا مېڭە قان تومۇر توسۇقى بولۇپ، ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇشى چوڭ مېڭىنى قوغداپ قان ئايلىنىشتىكى زىيانلىق يات ماددىلارنىڭ بېسىپ كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈنكەن. بىراق بۇ قاندىكى دورا تەركىبلىرىنىڭ چوڭ مېڭىگە كىرىشىنىمۇ توسۇپ قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. شۇڭا ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسەللىكىنى داۋالاپ ساقايتىش قىيىن بولىشىدىكى سەۋەپ، ئۈنۈملۈك دورا تاپالمىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى دورىنىڭ سۈمۈرۈلمەسلىكى، شۇنىڭدەك رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىقى ئىكەن.
كۆپلىگەن بىمارلار تۈرلۈك داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە دورا پۇلى ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل خەجلەپ << دورا كوزىسى >>غا ئايلىنىپ، ئاخىردا ئازغىنە ئۈنۈمگە ئېرشىدۇ.
بۇ قېتىم ئاۋسترالىيە ئالىملىرى نۇقتىئىينەزەرنى ئۆزگەرتىپ تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدە، دېۋەڭلىك كېسەللىكىنى داۋالاشنىڭ ئاساسىنى تېپىپ چىقتى. يەنى ئالدى بىلەن ئولترا ئاۋاز دولقۇنى سىكانېرلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق ۋاقتىنچە مېڭە قان تومۇر توسقىنى ئېچىپ، دورىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا چوڭ مېڭە ۋە نېۋرون ھۈجەيرىسگە كىرشىگە ياردەم قىلىپ، داۋالاش ئۈنىمىنى روشەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈردى ھەمدە بىمارلارنىڭ نۇرغۇنلىغان داۋالاش چىقىمىنى تېجەپ قالدى.

تەتقىقاچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئولتىرا ئاۋاز دولقىنىنى يۇقىرىقى ئىشلىتىلىشىدىن باشقا، يەنە نەزەرىيە جەھەتتىن زەھەرلىك ئاقسىلنىڭ چوڭ مېڭىگە يىغىلىپ قېلىشتىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەرگىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدىكەن، مەسىلەن: پاركىنسون كېسەللىكى، كۆپ قوزغىلىدىغان قېتىشىش، ھەرىكەت نېۋرون كېسەللىكى قاتارلىقلار.بۇلار ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ خوشاللىققا چۆمدۈرىدۇ.
ھازىرغىچە بۇ تۈرلۈك تېخنىكىلار پەقەت چاشقان تېنىدىلا ئېلىپ بېرىلدى. نۆۋەتتە ئالىملار ئادەم تېنىدە تەجرىبە قىلىشنى ھەمدە دېۋەڭلىك كېسەللىكىگە داۋا تېپىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بۇلتۇر مىلبورىندىكى ئالىملار، يىلان زەھىرىنىڭ بالدۇر قېرىشتىكى دېۋەڭلىك نېرۋا دېغىنى داۋالاش مۇمكىنلىقىنى قىياس قىلىپ، دېۋەڭلىك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى يېڭىچە ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويغان.


مۇناش ئۇنىۋېرسىتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشچە، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا قىسىمدىكى مەلۇم خىل شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلاننىڭ زەھەر سۇيۇقلىقى كراخمالسىمان ئاقسىلنى بۇزىدىكەن. بۇ خىل ئاقسىل دەل دېۋەڭلىك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەب ئىكەن.
ساغلام ئادەمنىڭ بىئولوگىيلىك ئېنزىمى كراخمالسىمان ئاقسىلنى پارچىلايدۇ. بىراق دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بىئولوگىيلىك ئاقسىلى خىزمەتتىن توختىغانلىقتىن، كراخمالسىمان ئاقسىل توپلىنىپ، داغلىق چۆكمە شەكىللەندۈرۈپ، ئاخىردا ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
تەتقىقاتچىلار ئىزچىل بىئولوگىيلىك ئېنزىمنى قوزغىتىش ھەمدە داۋاملىق تۈردە كراخمالسىمان ئاقسىلنى پارچىلاش ئۈستىدە ئىزدەندى. مۇناش تەتقىقاتچىسى Sanjaya Kuruppu ۋە مۇناش ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيەلىك داۋالاش تەتقىقات ئورگىنىنىڭ پروففىسورى Ian Smith، ئۇلار ئاخىرى جاۋاپ تاپتى، دەپ قارىدى.
ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى «تەبىئىي پەن دوكلاتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى، kuruppu  پۈتۈن زېھنى بىلەن يىلان زەھىرىنىڭ دورىلىق رولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپلىگەن يىلان زەھىرىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلاننىڭ زەھىرى تەركىبىدە بىئولوگىيىلىك ئېنزىنمى قوزغىتىپ، كراخمالسىمان ئاقسىلنى پارچىلايدىغان خىمىيەلىك ئېلېمېنتنىڭ بارلىقىنى بايقىدى .يەنە تەجرىبىخانىدا بۇ خىل يىلان زەھىرىنىڭ خىمىيەلىك ئېلىمېنتى بىلەن بىردەك خىمىيەلىك ئېلىمېنتنى بىرىكتۈرۈپ چىقىپ، ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. نۆۋەتتە ئالىملار كىچىك ئاق چاشقان ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بېرىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدە سىناق قىلماقچى بولىۋاتىدۇ.

نۆۋەتتە ئاۋسترالىيەدە دېۋەڭلىك كېسەللىكى بىلەن مۇناسۋەتلىك بولغان كېسەللىكلەر 350 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتتى. ھەر يىلى سەھىيە ۋە ياشانغانلارنى كۈتۈش سېستىمىسغا 50 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى مەبلەخ سەرپ بولىدۇ.
مەلۇماتلاردا، 2050 -يىلغا بارغاندا، ئاۋسترالىيەدە دېۋەڭلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ 900 مىڭغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېشىشىدىن باشقا كۆرۈلىدىغان بۇ خىل ئەھۋال، ياشانغانلارنىڭ <<پاتنىتى>> بۇلۇپ قالغاندىن سىرت، 40 – 50 ياشتىلا دېۋەڭلىككە گىرىپتار بولىدىغانلارنىڭ سانىمۇ يىلدىن - يىلغا ئېشىپ بارىدىكەن.
دېۋەڭلىك كېسەللىكى بىمارلارنى روھىي، جىسمانىي جەھەتتىن قىيناپ قالماستىن، ئانتىتىلا دورىسى بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى ئۈچۈن ھەر يىللىق كېتىدىغان 25مىڭدىن 100مىڭ دوللارغىچە چىقىم بىمارلارغا ئېغىر يۈك بولماقتا.
ئەگەر ئاۋسترالىيە ئالىملىرى دېۋەڭلىك كېسەللىكىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئۇسۇلنى بالدۇرراق تاپالىسا، دېۋەڭلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان سانسىز بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى كۈتۈلمىگەن تۈرلۈك ئاقىۋەتلەردىن قۇتقۇزۇۋالالايدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر