ياشانغانلار يازدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

مۇۋاپىق ئارام ئېلىش : ياشانغانلار ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكەتلىرى ، مەسلەن : پىيادە مېڭىش ، گىمناستىكا ئويناش قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە ، مۇۋاپىق ئارام ئېلىشى ، چۈشتە بىردەم ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى ، ھەر كۈنى سەككىز سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش : ياشانغانلار پىژغىرىم ئاپتاپتا ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا ئۇزاق تۇرماسلىقى ، پات-پات ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ تۇرۇشى لازىم .
شامالداپ قېلىشتىن ساقلىنىش : ياشانغانلار يازدا سالقىندىغاندا بەل ، قورساق قىسمى شامالداپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، شامالدۇرغۇچ ، ھاۋا تەڭشىگۈچنى بىۋاستە بەدەنگە توغرىلاپ ئىشلەتمەسلىكى ، تەرلەپ كەتكەندە دەرھال ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك .
يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش : ياشانغانلارنىڭ مېتابولىزم ئىقتىدارى ئاجىزلايدىغان بولغاچقا ئاسان ھەزىم بولىدىغان ، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى ، بەك تويۇپ غىزالانماسلىقى ، مېۋە-چىۋە ، كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك .
تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش : پات-پات يۇيۇنۇپ ، كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك .

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر