قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنى ئاخىرقى مەزگىلىدە قانداق كۈتۈش كېرەك؟

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار نەچچە يىللار ياكى ئون نەچچە يىللاردىن كېيىن، ئەقلىي ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، نەچچە سېكۇنت ئىچىدىكى ئىشلارنىمۇ يادىغا ئالالمايدۇ، بىمارنىڭ ھەرىكەت مىقدارىمۇ بارغانچە ئازلاپ، كۈن بويى كارىۋاتتا يېتىپ، پۈتۈنلەي سۈكۈتكە چۆمىدۇ، ئاخىرقى بىرنەچچە ئاي ياكى بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە، ئورنىدىن تۇرماي يانىدۇ، چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدۇ. ھەرقانداق پائالىيەتكە ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ.
ئالايلۇق، كىيىم كىيىش، غىزالىنىش، دورا ئىچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ماسلىشىپ بەرمەيدۇ، بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا يۆتكىلىشى تەس بولىدۇ، مۇبادا ئۇزاق مەزگىل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالسا، تېرىلىرى سۇيۇلۇپ قاننىڭ ئايلىنىشى ياخشى بولمايدۇ-دە، ئوڭايلا ياتاق يارىسى پەيدا بولىدۇ. ياتاق يارىسى كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلشى ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا ( ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم ) بەدىنىنى ئۆرۈپ تۇرۇش كېرەك، ھەرىكەت ئىقتىدارى ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن، سەللا دىققەت قىلمىسا بىمارلار يىقىلىپ چۈشىدۇ ياكى چاقلىق ئورۇندۇق، كارىۋاتلاردىن يىقىلىدۇ. شۇڭا، بىمارغا قارىغۇچىلار بىردەممۇ بىمارنىڭ قېشىدىن نېرى كەتمەسلىكى لازىم.
بىمارغا قارىغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكىنى ئازايتىش ئۈچۈن، دائىم بەزىبىر بىمارلارنى چەكلەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن: بىمارلارنى ئورۇندۇق، چاقلىق ئورۇندۇقلارغا ياكى كارىۋات رېشاتكىلىرىغا باغلاپ قويۇش، بىخەتەرلىك بەلبېغى بىلەن بىمارنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەپ قويۇش قاتارلىقلار. چەكلەش چارىسى گەرچە كۈتكۈچىلەرنىڭ بىمارلاردىن ئايرىلىش ئېھتىياجىنى تولۇقلىسىمۇ، ئۇنداق چارە بىماردا ئۆزىنى جازالاۋاتقاندەك ھېسسىياتنى پەيدا قىلىدۇ.
ئالايلۇق، بىمارلارنى چاقلىق ئورۇندۇققا باغلاپ قويغاندا، بىمارلار ئورۇندۇق بىلەن بىللە يەرگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، يارىلىنىشى مۇمكىن، كارىۋات رېشاتكىسى گەرچە بىمارلارنى كارىۋاتتىن يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ قالسىمۇ، ئەمما بىمارلار ئالدىراپ ئورنىدىن قوپسا، مەسىلەن: ھاجەتخانىغا بېرىشقا ئوخشاش ئىشلاردا، ئۇلار كارىۋات رېشاتكىسىدىن ھالقىپ يىقىلىپ چۈشۈپ، يەنىمۇ ئېغىر زەخىملىنىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، كارىۋاتقا رېشاتكا ئورناتقان ھالەتتىمۇ كۈتكۈچىلەر دائىم بىمارلارنى يوقلاپ تۇرۇشى لازىم.
كۈتكۈچىلەرنىڭ بىمارلارغا ھەمراھ بولۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، بىمارلارغا رىتىملىق ھالدا ھاجەتكە بېرىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بىمارلار بىلەن جىقراق بىللە بولۇش، بىمارلارنىڭ باش-كۆزلىرىنى سىلاش ياكى بوش پەپىلەپ قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، بىمارلاردا پىسخىك جەھەتتە ياردەمگە ئېرىشكەنلىك ھېسسىياتى پەيدا قىلسا، ئۇلار ئاسان ماسلىشىپ بېرىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر