بىرلەمچى تۆۋەن قان بېسىم كېسىلى
بۇ خىل ئەھۋالدىكى ياشانغانلار ئادەتتە بەدەن ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەشىقىنى كۈچەيتىش ۋە ئىشلەش بىلەن ئارام ئېلىشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈشكە، يېمەكلىكلەردىن ئوزۇقلۇققا ئېرىشىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ياخشى پىسخىك ھالەتنى ساقلىشى، تاماكا، ھاراق تاشلىشى كېرەك. ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئولتۇرۇپ ياكى دۈم يېتىپ ئۇخلاشقا بولمايدۇ، تاسادىپىي ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەتىگىنى ئورنىدىن بىمالال ۋە ئاستا تۇرۇش لازىم. ئۇزۇن ۋاقىت بېشىنى تۆۋەن سېلىۋېلىشمۇ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشمۇ ياخشى ئەمەس. تىنچلاندۇرۇش، ئۇخلىتىش دورىلىرىنى، تومۇرلارنى كېڭەيتىدىغان دورىلارنى ئىچىشتىمۇ ئېھتىيات قىلىشى لازىم.

ئاغزىغا تاماق تېتىماسلىق كېسىلى
بەزى ياشانغانلار ھەر قانداق تاماق يېسە ئاغزىغا تېتىمىغانلىقى ئۈچۈن، تاماق تەمسىز بولۇپ قاپتۇ دەپ ئاغرىنىدۇ ھەتتا يەۋاتقان تامىقى قايسى تەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ تېنىدە سنىك كېمىيىپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر، بۇ ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ. ئوزۇقلۇقلارنى قوبۇل قىلىنىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، سالامەتلىكى ناچارلىشىدۇ، بەدەندىكى سىنك ئومۇمىي مىقدارى ئاران2-3گرام، ئەمما بەدەننىڭ ھەر قانداق جايغا تارقالغان رولى ئىنتايىن زور. بەدەندە سىنك كەم بولسا تەم سېزىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ھەتتا قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشانغانلار ئادەتتە ئاغزىغا تېتىشلىق تاماق ياكى باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالانغاندىن سىرت،تەركىبىدە سىنك كۆپرەك بولغان قۇلۇلە، بۇغداي كېپىكى، بۇغداي ئۈندۈرمىس، موگۇ دېگەندەكلەرنى پات-پات يەپ بېرىشى كېرەك.
تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئۇنىۋېرسال كېسىلى
ياشانغانلار سالامەتلىكى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياشانغانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىكى ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق بولسىمۇ بەك تۆۋەن بولۇپ كېتىشى بەك خەتەرلىك. تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئۇنىۋېرسال كېسىلى ياشانغانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان، ئەمما ھەمىشە سەل قارىلىپ قالىدىغان بىر خىل كېسەللىك. بۇ خىل كېسەللىك بىماردا سوغۇقتىن قورقۇش، تېرىسى تاتىرىپ كېتىش، پۇت قوللىرى ئىسسىماسلىق، يوتقاندىن چىققۇسى كەلمەسلىك، سوغۇق تىترەش ياكى سۇلۇق قاپارتما ئۆرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرىسى35 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغاندا، ھەرىكىتى ۋە تەپەككۇرى توسالغۇغا ئۇچراش، نەپەسلىنىش چاستوتىسى ۋە يۆتەل رېفلىكىسى تۆۋەنلەش، روھى چۈشكۈنلىشىپ، ئەس ھوشى خىرەلىشىپ قېلىش، ئىنكاسى ئاستىلاش، مۈگدەك بېسىش، كۆڭلى تاماق تارتماسلىق، چوڭ تەرەت كەلمەسلىك، يۈزلىرى ئىششىپ قېلىش، ھەتتا يۈرەك دالانچىسى تىتىرەش، ھوشسىزلىنىش، يۈرىكى ئۇشتۇمتۇت توختاپ قېلىش قاتارلىق خەتەرلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار ئۆزىنى ئىسسىق ساقلىشى ھەم پۈتۈن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تۇرۇشى، ئىسسىقلىق مىقدارى، ئاقسىل مىقدارى ۋە ۋىتامىن مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى، چېنىقىشنى كۈچەيتىشى ياكى مېڭمىن، گۈەنيۈەن ياكى چىڭخەي پەللىگە يىڭنە سانجىپ داۋالىشى كېرەك. بۇ ئۇسۇللار بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتەلەيدۇ،ھاراق تاماكا تاشلاش، بىرلەمچى كېسەللىكلىرىنى ئاكتىپ داۋالىتىشى لازىم.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ياشانغانلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىن
دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر 1. مېڭىدىكى ئۆزگىرىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر: قېرىلىقدېۋەڭلىكى، پىك كېسەللىكى، پاركىنسون كېسەلل
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېس
ياشانغانلار ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان قۇرلار ياشانغانلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى كەڭ قورساقلىق: كەڭ قورساقلىق تۇرمۇشقا ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن كۆيۈنگەنلىك. پېنسى
مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بول
