ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﻮﻧﯘﺵ

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﺪﺍ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ-ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ-ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ. ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯘﺯﺍﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺑﯘ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﻣﯧﯖﻪ ﯞﻩ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺗﯘﻳﻤﯩﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ. ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺳﻪ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﮪﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﻼﺷﺴﯩﻼ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺪﯗ.

ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﻣﯧﯖﻪ ﯞﻩ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻣﯧﯖﻪ ﺳﻪﻛﺘﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺋﯩﻨﻔﺎﺭﻛﺘﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺕ ﭘﯩﻠﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻭﺭﺍ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﯨﻨﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻻ ﺩﻭﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﭼﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺶ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ.

ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﭘﯩﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻤﻪﺳﺘﯩﻦ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺩﻭﺭﯨﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﺳﺎﺭﻗﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﻪﻳﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﯧﻼﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ «ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﻭﺭﺍ»ﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﺨﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ.

ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻳﻪﯞﺍﻟﺴﺎ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﺪﺍﻣﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﯞﯦﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﻳﺪﯗ. 

ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻳﻪﯞﺍﻟﺴﺎ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ. ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻏﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﯩﺴﻤﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﺵ ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﻣﯧﯖﻪ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﻓﯘﻧﻜﯩﺴﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﻓﯘﻧﻜﯩﺴﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﺴﻪ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﻪﻳﺘﻰ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.

ﺩﻭﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﺵ.

ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ «ﺩﻭﺭﯨﻨﯩﯔ 3 ﺋﯜﻟﯜﺷﻰ ﺯﻩﮪﻪﺭ» ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﺴﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﮕﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﺩﻭﺭﯨﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﯜﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯘﺳﯘﻝ.

ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﯟﻩﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺩﻭﺭﯨﻐﯩﻼ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺭﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.

ﺑﻪﺯﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﻪ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﺳﯩﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺑﯩﺮﻯ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ، ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﺗﯘﺯﻟﯘﻕ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺴﺎ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﺵ.

ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﭼﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ.

ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻏﻪﺭﺑﭽﻪ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ «ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﺘﯜﺭﯛﭖ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺳﺎﭖ ﺟﯘﯕﻴﻰ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ <ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ>ﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻏﻪﺭﺑﭽﻪ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻻﻻﻳﺪﯗ» ﺩﻩﭖ ﺩﺍﯞﺭﺍﯓ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺳﺘﯘﻕ، ﺳﺎﺋﻪﺕ، ﺯﻩﻧﺠﯩﺰ، ﺑﺎﺵ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ، ﭘﯧﺘﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺭﻭﻟﻰ ﻳﻮﻕ، ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺑﻪﺯﻯ «ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ» ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯜﭖ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﺎﻻﻳﺪﯗ. 

ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯧﻼﻧﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﺭﺍ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺕ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯜﭖ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﺎﻻﻳﺪﯗ، ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯦﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ: ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺳﯟﺍﺏ ﻳﻮﻕ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﺩﺍ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯜﭖ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺩﺍﯞﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ «ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺩﻭﺭﺍ» ﺋﯧﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺳﺎﺧﺘﺎ. ﺑﯘﻻﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯨﺪﯗ، ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﯩﺪﯗ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر