يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرى

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

نۇر تورى تەرجىمىسى:

قان تومۇردا ئاققاندا تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىم قان بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ بېسىم يۇقىرىلاپ كەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېلىپ چىقىدۇ. 

يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرىدىن قايسىلار بار؟

باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئۇيقۇسىزلىق، قۇلاق غوڭۇلداش، پۇت-قول ئۇيۇشۇش.

ئىككى خىل قان بېسىمىنىڭ پەرقى نېمە؟

بىرىنچى، سەۋەبى ئېنىق، ئىككىلەمچى؛ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، بىرلەمچى. بۇ ئىككىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئايرىغىلى بولىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاپ ساقايتىقىلى بولامدۇ؟

يۇقىرى قان بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەل داۋالاپ ساقايتىلسا ئىككىلەمچى قان بېسىمىنى ساقايتقىلى بولىدۇ؛ بىرلەمچى قان بېسىمىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما تۈپتىن داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ.

ھەرقايسى ئورۇنلادا تەكشۈرتۈلگەن قان بېسىمىدا كۆرۈلىدىغان پەرقلەر:

دوختۇرخانا مەنبەلىك يۇقىرى قان بېسىمى: دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرتكەندە جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن قان بېسىمى ئادەتتىكىدىن يۇقىرىراق چىقىدۇ؛ يوشۇرۇن خاراكتېرلىك يۇقىرى قان بېسىمى: ئائىلىدە تەكشۈرۈلسە يۇقىرى چىقىدۇ، شىپاخانىدا تەكشۈرۈلسە نورمال چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئادەمنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى.

قان بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشى قانۇنىيەتلىك بولامدۇ؟

قان بېسىمى كېچە-كۈندۈز ۋە پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

قان بېسىمىنىڭ پەسىلگە قاراپ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى قانداق؟

قان بېسىمى ئەتىياز ۋە قىشتا يۇقىرى، ياز ۋە كۈزدە تۆۋەن بولىدۇ.

قان بېسىمىنىڭ بىر كۈندىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالى قانداق؟

كېچىدە نورمال، ئەتىگەندە يۇقىرى بولىدۇ.

قان بېسىمىنىڭ قايسى خىل ئۆزگىرىشى بىنورمال دەپ قارىلىدۇ؟

يۇقىرى قان بېسىمىنى دورا ئارقىلىق داۋالاش ۋە دورىدىن سىرت ئامىللار ئارقىلىق داۋالاشنىڭ قايسىسى مۇھىم؟

يۇقىرى قان بېسىمىنى دورا ئارقىلىق داۋالاشقا ئېھتىياجلىق بىمارلار چوقۇم دورا يېيىشى كېرەك. قان بېسىمىنى دورىدىن سىرت ئامىللار ئارقىلىق داۋالاش بىر قىسىم قوشۇمچە ئۇسۇللارنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرى قايسىلار؟

يۇقىرى قان بېسىمى ئاساسلىقى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، مېڭە سەكتىسى، بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە كۆز تېگى ئارتېرىيە قېتىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قان بېسىمى كونترول قىلىنغاندىن كېيىن دورا مىقدارىنى ئازايتىشقا بولامدۇ؟

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا مىقدارىنى ئازايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش كەچۈرسە بولىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسىلار؟

بىرىنچى، بالدۇر ئۇخلاپ، سەھەر تۇرۇش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، يېمەك-ئىچمىكىدىكى تۇزنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، تاماكا تاشلاش، ياغ مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، ھاراقنى ئاز ئىچىش؛

ئىككىنچى، ئۈمىدۋار كەيپىياتنى ساقلاش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېيىش، قان بېسىمىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش؛

ئۈچىنچى، قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىك، ئۇزۇن ئولتۇرۇۋالماسلىق، تاماكا چەكمەسلىك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر