ياشانغانلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/04/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:

   ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %12 ~ %8 ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ كېسەللىك ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىتى ئەڭ زور بولغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇنداق زور قوشۇندا ياشانغانلار كۆپچىلىكنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ۋە ئىپادىلىنىش شەكلى ئاساسەن تۆۋەندىكىچە:
(1) ياشانغانلارنىڭ ئارتېرىيە ئىچكى پەردىسى قېلىنلىشىپ، قان تومۇرنىڭ ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەنلەپ، ئاسان كېڭىيەلمەيدۇ ۋە قان تومۇرىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
(2) چوڭ ئاتېرىيىنىڭ كېڭىيىشچانلىقى تۆۋەنلىگەنلىكتىن، سول يۈرەك قېرىنچىسى سىقىپ چىقارغان قان ماسلىشىشچان غول قىزىل تومۇر ( ئائورتا )  ۋە چوڭ قان تومۇرغا كىرىپ، نوقۇل قىسقىرىش مەزگىلىدە ئۆرلىگەن يۇقىرى قان بېسىمىغا ئايلىنىدۇ.
(3) ياشانغانلارنىڭ بۆرەك خىزمىتى ئاجىزلىشىپ، ناترىينى چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
(4) سېمىزلىك، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكى، قاندىكى ماي تەركىبىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، ئارتېرىيىنىىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى قاتارلىق ماددا ئالمىشىش ( مېتابولىزم ) كېسەللىكلىرى بىلەن ياشانغانلار يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ئارىسىدا زىچ باغلىنىش بولىدۇ.

 


1) كىرىتىك ( چەك ) يۇقىرى قان بېسىمى
   كېڭىيىش بېسىمى 95 ~ 90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى، قىسقىرىش بېسىمى 160 ~ 140 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى ( تەخمىنەن 7.5 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى بىر كىلوپاسكالغان تەڭ بولىدۇ ) بولغان قان بېسىمى نورمال قان بېسىمىدىن ئازراق يۇقىرى بولۇپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ خىل كىرىتىك قان بېسىمىغا سەل قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، قان بېسىمنىڭ يېنىك دەرىجىدە ئۆرلىشىمۇ ئوخشاشلا يۈرەك كېسەللىكى ۋە سەكتىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ، بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك يوشۇرۇن ئۆزگىرىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بىپەرۋالىق قىلىشقا زادى بولمايدۇ.


2) يۇقىرى قان بېسىمى بوھرانى
   يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى جەريانىدا، پۈتۈن بەدەندىكى ئارتېرىيە ئۇششاق قان تومۇرلىرىدا ۋاقىتلىق قاتتىق تارتىشىش ( سىپازمىلىنىش ) يۈز بېرىپ، قان بېسىمى تېز ئۆرلەپ، بىر قاتار كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بىمارلارنىڭ قان بېسىمى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ئۆرلەيدۇ ھەمدە بېشى قاتتىق ئاغرىش، بېشى قىيىش، ئىچى تىتىلداش، يۈرىكى سىقىلىش، قاتتىق تەرلەش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، چىرايى تاتىرىش ياكى قىزىرىش، كۆرۈش سېزىمى غۇۋالىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ. ئېغىر ھالدىكىلەردە يۈرەك خىزمىتى زەئىپلىشىش، يۇقىرى قان بېسىملىق مېڭە كېسەللىكى قاتارلىقلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئادەتتە بۇ خىل ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلۈش ۋاقتى قىسقا بولۇپ، قان بېسىمىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى تېز ياخشىلىنىدۇ، ئەمما ئاسان قايتىلىنىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر