ئۇيقۇ يۈرىكىڭىزگە زىيان يەتكۈزمىسۇن

سەھىپە: ياشانغانلار | مەنبە: ھاياتلىق گېزىتى | ۋاقتى: 2011/10/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: مەۋلان ئەبەيدۇللا | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلەمبەر شىرئېلى | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

تەھرىر ئىلاۋىسى: گەرچە ئۇيقۇ بىر خىل تەبىئىي ئۈنۈملۈك دورا بولسىمۇ، لېكىن ئۇخلاشنىڭ ئۇسۇلى خاتا بولسا ئەكسىچە يۈرەكنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. گېزىتىمىز مەخسۇس فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى جۇڭشەن دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور گې جۈنپو، ئازادلىق ئارمىيە يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى مۇدىرى پروفېسسور چېن يۈندەي،  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق دوختۇرخانىسى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور سۈن نىڭلىڭ قاتارلىق مۇتەخەسىسلەرنى ئۇيقۇ بىلەن يۈرەكنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

يېرىم كېچىدە: تۇيۇقسىز ھاياتىدىن ئايرىلىش ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ
يېرىم كېچىدە قارىماققا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن بەزى بىمارلار بولسا چۈشلىرىدە «زىيارەت قىلىدۇ»›. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كېچە بولسا بىر كۈن ئىچىدىكى كېسەللىكلەر، بولۇپمۇ يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسپىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان ۋاقىت ئىكەن. يېقىندا ئامېرىكا «نېۋروگرافىيە(نېرۋا ئىلمى)» قەرەللىك ژۇرنىلىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: سەكتە تۈرىدىكى كېسەللىكلەر ئىچىدە، يەتتىدىن بىرى ئۇخلاۋاتقاندا قوزغىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن داۋالاشقا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئۇيقۇ ھالىتىدە يۈز بېرىدىغان سەكتە كېسلىنى تەتقىقاتچىلار «ئويغىنىش سەكتە كېسلى (睡醒中风 Wake up stroke)» دەپ ئاتايدۇ. سىتاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا ھەر يىلى 58 مىڭ ئادەم مۇشۇ كېسەل سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىدىكەن. دۆلەت ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتلارمۇ شۇنداق كۆرسەتتىكى، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىمارلىرىنىڭ ئىچىدە كەچ سائەت 7 دىن ئەتىسى سەھەر سائەت 2 گىچە كېسلى قوزغىلىدىغانلار، پۈتۈن بىر كۈن ئىچىدە كېسىلى قوزغىلىدىغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %40 نى ئىگىلەيدىكەن، مېڭە قان نوكچىسى شەكىللىنىشىمۇ دائىم ئۇيقۇ ھالىتىدە قوزغىلىپ، تۇيۇقسىز ھاياتىدىن ئايرىلغۇچىلار %70-%80 گە يېتىدىكەن.

كېچىدە ئۇخلىغاندا، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىمارلىرىدا تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك خەتەر يۈز بېرىشى مۇمكىن:
بەزى كىشىلەر يېرىم كېچىدە ياكى سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا يېرىم بەدەن پالەچلىنىش، پۇت-قول ئۇيۇشۇش، كۆزى ئالىيىپ، ئاغزى مايماق بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ ئالامەتلەر ئورگانىزمنىڭ مېتابولىزىم سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ قالغانلىقىدىن بولۇپ، قانغا بولغان ئېھتىياجى ئازلاپ، يۈرەك رېتىمى ۋە بەدەن ئىچىدىكى قان ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستىلىغاندىن باشقا، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى يۈز بەرسە، ئاسانلا قان نوكچىسى شەكىللىنىدۇ. ۋە شۇ سەۋەبتىن مېڭە قان نوكچىسى  ياكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تۈز يېتىپ ئۇخلىغاندا يۈرەككە قايتىدىغان قان مىقدارى كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ-دە، يۈرەك مۇسكۇلى خوراتقان ئوكسىگېن مىقدارىمۇ ئېشىپ كىتىدۇ، بۇ يۈرەك سانجىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ يۈرەك ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىغان بىمارلاردا يەنە جىددىي خاراكتېرلىك ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى، كېچىدە قاتتىق ئۇخلاۋاتقاندا تۇيۇقسىز نەپسى سىقىلىپ چۆچۈپ  ئويغىنىپ كېتىش ، ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ.
يازدا كۈن بەك ئىسسىق بولغانلىقتىن ئادەم بەدىنىدىكى سۇ تەر ئارقىلىق كۆپ مىقداردا پارلىنىپ قاننىڭ يېپىشقاقلىقى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچە قىسقا، كۈندۈز ئۇزۇن بولغاچقا ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمايدۇ-دە، قان بېسىمى تۇراقسىزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى: ئەگەر كېچىسى ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا،  چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئازراق ئۇخلىۋېلىش كېرەك. ئادەتتە يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە بولسا ياخشى. ئەگەر يېتىپ ئۇخلاش شارائىتى بولمىسا كرىسلودا ئوڭدىسىغا يېتىپ كۆزىنى يۇمۇپ يېتىۋېلىشمۇ پۈتۈن بەدەننى يەڭگىللەشتۈرۈپ بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر