چۈشتە مۇۋاپىق ئۇخلاپ بېرىشنىڭ پايدىسى

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتىدىن | ۋاقتى: 2012/06/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 05 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

چۈشتە بىر سائەت ئۇخلىسا ئادەمنىڭ زېھنى كۈچى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشچە، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئازراق ئۇخلىۋالسا، ئادەمنىڭ جىسمانىي كۈچى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە كېرەكلىك قىسقا ئۇچۇرلارنى ساقلىشىغا ۋە ئىزدىشىگە ياردىمى بولىدىكەن .

ئامېرىكا كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلىي شۆبە مەكتىپىنىڭ پىسخولوگى ۋۇكىل باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى 39 نەپەر ساغلام پىدائىي ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، چۈشتە ئۇخلىمىغان گۇرۇپپىدىكلەر بىلەن ئۇخلىغان گۇرۇپپىدىكىلەرنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنقىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى خېلىلا ناچار بولغان، چۈشتە ئۇخلىغانلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆگىنىش ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى بولغان. ۋۇكىل دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى تەتقىقاتلاردا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان خاتىرىلەر چوڭ مېڭىنىڭ ‹‹ سەقەنقۇر›› رايونىدا ۋاقىتلىق ساقلىنىپ، ئاندىن چوڭ مېڭىنىڭ ماڭلاي ياپراقچە قەۋىتىگە يۆتكىلىدىغانلىقى، ئۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ ‹‹ساقلاش بوشلۇقى›› بارلىقى بايقالغان. تەتقىقاتتا يەنە قاتتىق ئۇيقۇنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمى ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى بايقالغان .

ئەمما چۈشتە ئۇخلاشمۇ بەلگىلىك تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. چۈشتە ئۇخلاش پەقەت مۇۋاپىق بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتىدىن رەتلەندى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى