يازلىق تەتىلدىكى پسىخىكا ساغلاملىقىغا سەل قارىمايلى

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: جوڭگۇ رادىئو تورى | ۋاقتى: 2011/08/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 05 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05
يازلىق تەتىل باشلانغىنىغىمۇ خېلى كۈنلەر بولدى، «تەتىل بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، دەرس، ئىمتىھانلارنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇپ، خۇشال-خۇرام ساياھەت قىلىمىز» دېگەن قوشاق بالىلارنىڭ يۈرەك سۆزىدۇر.
تەتىل، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارام ئالىدىغان ۋە ئۆزىنى تەڭشەيدىغان مەزگىل، ئوقۇغۇچىلار بىر مەۋسۇملۇق جىددى ئوقۇشتىن كېيىن، تەتىلدە ئوبدان ئارام ئېلىپ، كېيىنكى مەۋسۇم ئۈچۈن ئېنېرگىيە توپلايدۇ. تەتىل تۇرمۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش، كاللىنى ئارام ئالدۇرۇش، نېرۋىلارنى تەڭشەش، پسىخىكا جىددىيلىكىنى يوقىتىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

لېكىن، كۆپ قىسىم ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەتىلنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزەلمەيۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشى تەكرارلاش سىنىپىغا قاتنىشىش بولۇپ، ئارام ئېلىش دائىرىسى ئىنتايىن تار، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى كەمچىل، بىللە ئوينايدىغان دوستى يوق بولۇۋاتىدۇ. تەتىل ئەكسىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پسىخىكا جىددىيلىكىنىڭ يۇقىرى مەزگىلى بولۇپ قالدى.
پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى تەتىلگە قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى ھەر خىل تەكرارلاش سىنىپلىرى ياكى ھەر خىل كۇرسلارغا تىزىملاتماقتا، شۇ سەۋەبتىن تەتىل بالىلارنىڭ «ئۈچىنچى مەۋسۇملۇق ئوقۇشى» غا ئايلىنىپ قالماقتا. نۇرغۇن ئوقۇغۇچى «تەتىل قويۇپ بەردى دېگەنلىك يەنە بىر قېتىملىق جەڭ باشلاندى دېگەنلىك، تەتىلدە تەتىللىك تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەشتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن كۈچەيتىش سىنىپلىرىغا قاتنىشىپ، ھەر خىل مەشىق سوئاللىرىنى ئىشلەيمىز» دېيىشمەكتە.
تەتىللىك پائالىيىتى چەكلىك بولۇش بالىلارنىڭ تەتىلدىكى زور بەختسىزلىكى. تەتىلدە ساغلام، پايدىلىق پائالىيەتلەر بولمىسا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن تەتىلنىڭ مەززىسى قالمايدۇ. تەتىلدە ئاتا - ئانىلارنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولىدۇ، بالىلار دوستلىرىدىن ئايرىلىپ ئۆيگە سولىنىپ ئولتۇرىدۇ، كومپيۇتېر ئويناش ياكى تېلېۋىزور كۆرۈش ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولۇپ، خۇددى «قەپەز» كە سولىنىپ قالغاندەك ياشايدۇ. بۇنداق ھالەت بالىلاردا ئاسانلا تورغا خۇمار بولۇشنى پەيدا قىلىدۇ.
 
ئاتا-ئانىلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ دىققىتىڭىز يازمىنىڭ داۋامىدا بولسۇن!
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  •  تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز داڭلىق شەخسلەرگە ئائىت سەرخىل ھېكايىلەر دېگەن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان. بۇ جۈملىگە ئىنتايىن چوڭقۇر پەلسەپە
  • دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ بىر بالا دادىسىدىن سوراپتۇ: ــ دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ ــ مېنىڭ بار، ئەمما سېنىڭ يوق. مەن بۇ پۇلنى تىرىشىپ - تىرمىشىپ، جان تىكىپ ئىشلەپ ئاران تاپقان. سەنمۇ كەلگۈسى
  •  يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ تەتقىقاتدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى يېمەكلىكلەر ئارقىلىقمۇ ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلغىلى بولىدىكەن. كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلىغۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا بۇغداي بولكىسى ئەڭ يا
  • ئارتۇقچە ھەشەم ئۆزىڭىزگە يۈك، ئۆزگىلەرگە روھىي بېسىمدۇرئارتۇقچە ھەشەم ئۆزىڭىزگە يۈك، ئۆزگىلەرگە روھىي بېسىمدۇر ئىلگىرى دۇنيا توي ئۆرپ- ئادەتلىرى دېگەن فىلىمنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس توي ئادەتلىرى تونۇش
  •  ئاغرىنماڭ ئاغرىنماڭ ئاغرىنىش ــ بىر خىل پاسسىپ ئېنېرگىيە بولۇپ، خۇددى ئۆز پۇتىغا پالتا چاپماققا ئوخشايدۇ. باشقىلارغا مەنپەئەتى تەگمىگەن كىشىنىڭ، ئۆزىمۇ پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاغرىنىش
  • دوستانە ئۇلىنىشلار