ئانىنىڭ خاراكتېرى بالىنىڭ ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: سۇمرۇغ تورى | ۋاقتى: 2011/10/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: مەۋلان ئەبەيدۇللا | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرى توغرىلىق گەپ بولۇنغاندا، ھەممە كىشى ئوزۇقلۇقنى ياخشى تەڭشەپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغان ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش كېرەك دېيىشىدۇ. لېكىن ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەرنىڭ خاراكتېرىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، ئوچۇق-يورۇق خاراكتېر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.
ئوچۇق مىجەزلىك كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر كېلىدۇ

بۇ تەتقىقاتنى، بوستۇن ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتى يېڭى ئەنگلىيە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر تەتقىقات مەركىزى خادىملىرى ۋە دۆلەتلىك ياشانغانلار مەسىلىسى تەتقىقات ئورنى ئالىملىرى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات دوكلاتى «ئامېرىكا ياشانغانلار تېببىي ژۇرنىلى»نىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلىنغان.
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەرنىڭ يېشىنىڭ چوڭلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەتقىقاتنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن، تەتقىقاتچى خادىملار بىۋاسىتە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەرنى تەتقىق قىلماي، 246 نەپەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرچە يېشىمۇ 75 ياش بولغان.


بۇ تەتقىقاتنىڭ مەسئۇلى توماس.پورۇس دوكتور مۇنداق دەيدۇ: تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا خاراكتېرى تېخىمۇ ئوچۇق-يورۇق كېلىدىكەن، ئادەتتە ئۇلار ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر بولۇپ، ئاسانلا باشقىلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، دوستلۇقنى ‹بىخەتەر كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى› دەپ قارايدىكەن. يۇقىرىقىلاردىنمۇ كۆرىۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچى ئاياللار تېخىمۇ ئاسانلا باشقىلار بىلەن ھەمنەپەس بولالايدۇ ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ماھىر كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا،  مۇبادا ئۇلار بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ قالسىمۇ كۆپ تەرەپتىن قوللاش ۋە ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى