ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا مەستانە بۇلۇپ قېلىش كېسىلى ھەققىدە

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى | ۋاقتى: 2011/11/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلسۆي | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ياش ئۆسمۈرلەردىكى تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېسىلى دېگىنىمىز: ياش-ئۆسمۈرلەر تورغا كۆپ چىقىش سەۋەبىدىن ھاسىل بولغان بىر خىل پسىخىكا كېسەللىكىنى كۆرسىتىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەر يېڭى شەيئىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ سەزگۈر بولغان توپتۇر. قۇرامىغا يەتكەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچى ئاجىز، جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتە پىشىپ يىتىلمىگەن، شۇڭا ئۇلار تورغا مەستانە بۇلۇپلا قالىدىكەن، كېلىپ چىقىدىغان مەسىلىلەر تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ھازىر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېسىلى كۈنسېرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان ئاۋات تېمىغا ئايلىنىپ قالدى. مەزكۇر ماقالە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تور مەستانىسى كېسىلىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي، روھى جەھەتتىن چىقىش قىلغان ئاساستا جۇڭگۇدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا مەستانە بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى، ئائىلە شارائىتى، مەكتەپ، جەمئىيەت، ساۋاقداشلار مۇناسىۋىتى قاتارلىق جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ، قانداق قىلغاندا تورغا مەستانە بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ دېگەنلەر ھەققىدە توختالغان. 


تور مەستانىسى ئۇنىۋېرسال كېسىلى (Internet Addiction Disorder ئاددىيلاشتۇرۇپ IAD دەپ ئاتىلىدۇ.) بولسا ئىنتېرنېت تورىغا چىقىش جەريانىدا پەيدا بولغان بىر خىل يېڭى تىپتىكى كېسەل بولۇپ، 1994-يىلى نيۇيوركتىكى بىر روھى كېسەللىكلەر دوختۇرى Goldberg ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، كىلىنكىلىق داۋالاشتا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچى ئىنتېرنېت تورىغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋالغانلىق سەۋەبىدىن پسىخىكا قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىقىش بىلەن بىرگە جىسمانىي جەھەتتە زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ.
ئامېرىكا پسىخىكا دوكتورى Kimberly S.Young نىڭ قارىشىچە IAD كېسىلى قىمارغا بېرىلىش، ھاراققا بېرىلىش، زەھەر چېكىش قاتارلىقلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنىغا   ئوخشاش بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى چۈشۈرۈۋېتىش، تەن ساغلاملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئەر-خوتۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزۈش قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن. IAD كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى تورغا نىسبەتەن بىر خىل تايىنىۋېلىش پسىخىكىسى تۇغۇلۇپ، تورغا چىقىش جەريانىغا ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلالماي، دائىم كۆپلىگەن ۋاقتىنى ۋە جىسمانى كۈچىنى تورغا سەرپ قىلىپ، شۇ ئارقىلىق خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تور ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى بىردىنبىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. توردىكى مەۋھۇم دۇنياغا غەرق بولۇپ «تور مېنىڭ ھاياتىم» دېگەن قاراشقا كېلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىنىڭ يۇقىتىپ قۇيۇپ يۈرەك قان تومۇر كېسىلى، ئەسەبىيلىشىش كېسىلى ۋە كۆز كېسەللىكلىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى