سىزنىڭ ئەڭ پۇشايمان قىلىدىغان ئىشىڭىز نېمە؟

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ۋال سترېت كوچىسى گىزىتى تورى | ۋاقتى: 2011/12/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: مەۋلان ئەبەيدۇللا | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 ئارىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر ئىنتايىن ئىرماش-چىرماش مۇرەككەپ تاللاشلارغا دۇچ كەلگەن ۋە قارار چىقارغان. ئارقىمىزغا قارىغۇدەك بولساق، ھەمىشە بىر خىل ئۆكۈنۈش ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. مېنىڭ ھاياتىمدىمۇ شۇنداق پۇشايمانلىق ئىشلار بولۇپ ئۆتكەن. بىر خىل پۇشايمان ھەمىشە مېنى قىينايدۇ، بۇ مەن ئانا بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىش، يەنى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشتىن ۋاز كېچىش.
مەن نېمىشقا بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن مەكتەپكە قايتىپ كەتمىدىم؟

بۇنىڭ بىر سەۋەبى بولسا، مەن ھامان تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت كېلىدۇ دەپ ئويلاپ كەلدىم. مەسىلەن، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن قايتىپ بېرىپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇپ يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلەش، ياكى يېڭى خىزمەتكە كۆنۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە قايتىپ بېرىپ ئوقۇش ياكى مەكتەپتىن ئايرىلىشقا ئاز قالغاندا......
بۈگۈنكى كۈندە بولسا بۇ ئىشلارنى مېنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىم بىلەن سىلىشتۇرغاندا، تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ. ھازىر مېنىڭ تېخى 3 ياشقىمۇ توشمىغان 2 بالام بار، ئادەتتە ئىشقا بېرىپ-كېلىشتە ناھايىتى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىدىغان يولدىشىمغىمۇ بىر قىسىم زېھنى قۇۋۋىتىم، كۆڭلۈم بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. مەن ئىزچىل مەكتەپتە قايتىپ ئوقۇشنى ئويلاپ كەلدىم. ھازىر، نېمىشقىمۇ ئالدىراش ئەمەس  ۋاقىتلاردا شۇنداق قىلمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن.

 


ئامېرىكا غەربى شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى Kellogg  ئىنىستىتۇتىنىڭ «جەمئىيەت پىسخىكىسى ۋە ئادىمىيلىك ئەخلاقى ئىلمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇشايمىنىنى مۇھەببەت ئىشىدا قەدەمنى خاتا باسقىنىم، دەپ قارايدىكەن.
تەتقىقات جەريانىدا، تەتقىقاتچى خادىملار خالىغانچە تاللانغان 370 نەپەر قورامىغا يەتكەن ئادەمگە تېلېفون قىلىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۇلارنى ئەڭ ئازابلايدىغان بىر ئىشنى سورىغان. نەتىجىدە ئەرلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئوتتۇرغا قويغان، ئاياللارنىڭ كۆپ قىسمى بولسا مۇھەببەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئوتتۇرغا قويغان. بىراق، بۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، رومانتىك مۇھەببەت تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك پۇشايمان ئەڭ كۆپ بولۇپ %18 نى، ئاندىن قالسا ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك %16 نى، مائارىپ %13 نى، كەسىپ %12 نى، مالىيە %10 نى ۋە پەرزەنت تەربىيىلەش %9 نى ئىگىلىگەن.
مەلۇم ئىشنى قىلمىغان ياكى قىلىشنى قارار قىلىپ قويۇپ قىلمىغانلارنىڭ پۇشايمىنى، مەلۇم بىر ئىشنى قىلىپ بولۇپ پۇشايمان قىلغۇچىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان، ئۇنىڭ ئۈسىتگە يەنە شۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە پۇشايمان قىلىش ھېسسىياتىمۇ بولغان. قىزىق يېرى شۇكى، ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئىشلارغا قىلغان پۇشايمىنى ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپ بولغان، ئەرلەرنىڭ بولسا مائارىپ جەھەتتە قىلغان پۇشايمىنى ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ بولغان.

 ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن: سىزنىڭ دوستىڭىز ياكى ئائىلىڭىزدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال مەۋجۇتمۇ؟ سىزنىڭ ئەڭ پۇشايمان قىلىدىغان ئىشىڭىز نېمە؟ سىز ئۆزىڭىزنى قايسى ئىشتا پۇشايمان قىلىمەن دەپ قارايسىز ياكى قايسى پۇشايماننى جىنس ئايرىمىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايسىز؟

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى