ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ئېيتىشنى خالىمايدىغان 6 ئەندىشىسى

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ياخو تورى | ۋاقتى: 2012/01/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ياسىنجان قاسىم | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 04 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

1. ‹‹ئەگەر خىزمىتىمدىن قالسام، ئۇ مېنى بىر مەغلۇبىيەتچى دەپ ئويلاپ قالارمۇ؟››.
ئەرلەرگە نىسبەتەن باشقىلار تەرىپىدىن مەغلۇبىيەتچى دەپ قارالغاندىكى روھى بېسىم پۇل تېپىش يولىنى يوقىتىپ قويغاندىكى روھى بېسىمدىن كۆپ چوڭ بولىدۇ. ئەرلەر كۆپۈنچە خىزمەت ئورنۇم قىممىتىمنى بەلگىلەيدۇ دەپ ئويلايدۇ. شۇڭىلاشقا ئەرلەر ئۈچۈن خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىش ھەرگىزمۇ پەقەت پۇل تېپىش يولىنى يوقىتىپ قويغاندەك ئاددى ئىش ئەمەس. ئۇنداقتا قىز دوست ياكى ئايال بولغان ئادەم قانداق قىلىش كېرەك؟ سىز ئاۋال ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان ئۈزۈم ھارىقى تۇتۇپ، ئاندىن تونۇش-بىلىشلىرىڭىز ئارقىلىق ئۇنىڭغا بىر خىزمەت تېپىپ بېرىشنىڭ ئامالىنى قىلىڭ. ھازىرقى جەمئىيەتتە خىزمەت تېپىش ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ۋە باشقىلارنىڭ تەۋسىيە قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەگەر ئۇ twitter ۋە linked-in قاتارلىق ئىجتىمائى ئالاقەت تور بېكەتلىرىگە چىقىشنى خالىمىسا، سىزنىڭ ياردىمىڭىز ھەقىقەتەن زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ.
2. ‹‹ ئۇ ماڭا سادىق بولارمۇ؟››.
‹‹ مەن قىز دوستۇمغا يۈز پىرسەنت ئىشىنىمەن، لېكىن قىز-ئوغۇللار ئارىسىدكى ۋاپاسىزلىق كىنو، تېلىۋىزىيە قاتارلىقلارنىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە ھېچكىممۇ بۇنداق ئىشلار مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا قەتئى يۈز بەرمەيدۇ دەپ ئېيتالمايدۇ.›› بۇ مەسىلىدە قىز-ئاياللار ‹‹مەڭگۈ ئۇنداق قىلمايمەن›› دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ قويۇپلا بولدى قىلماي، باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ. سىزمۇ ئۇنىڭغا كۆڭلىڭىزدە پەقەت ئۇنىڭلا بارلىقىنى، ئۇنىڭغا سادىق بولىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىز، ھىسيات جەھەتتە بەزى مەسىلىلەرگە يۇلۇققاندا ئىشلارنى يۇشۇرماي، ئۇنى  ئالدىماي، ھەممىنى ئوچۇق ئېيتسىڭىز بولىدۇ.
3. ‹‹ توي قىلغاندىن كېيىن ئەركىنلىكىمدىن ئايرىلىپ قالىمەن››.
بۇ مەسىلدە قىزلار تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدۇ. قىز دوستلىرى بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇشقا بېرىش؛ دوستلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ پاراڭلىشىپ كېلىش؛ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ھەققىدە ئىزدىنىش  قاتارلىقلار. قىسقىسى ئۇنىڭغا ئۇ پەقەت سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قىسىمىلا  ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇڭ. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولمىغان ۋاقىتلىرىڭىزغا ئىشلارنى كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇڭ.شۇنداق بولغاندا ھەر ئىككى ئادەمنىڭ تۇرمۇشى نىسبەتەن ئايرىلغان، سۈزۈك بولدۇ. ئەگەر بىر مەزگىل شۇنداق بولسا ئۇ بەزى ئىشلارنى سىز بىلەن بىرگە قىلىشقا ئىنتىزار بولۇپ ئىككەيلەننىڭ تۇرمۇشى ئاستا-ئاستا نورمال ھالىتىگە كىرىدۇ.
4. ‹‹ مەن ئۇنىڭغا لايىق كەلمەيمەن››.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى