قاندىكى قەنت تەركىبىنى كونترول قىلىشنىڭ ئاچقۇچى مىجەزدە!

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ھاياتلىق گېزىتى | ۋاقتى: 2012/04/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئابلىكىم نۇرمەمەن ۋولقان | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 05 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

1998-يىلى، دادامغا قەنت سېيىش كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇنىڭ تېنى قاۋۇل ۋە ساغلام ئىدى. 1.73 مېتىر كېلىدىغان بويى بىلەن 165 جىڭ كېلەتتى، يۇمىلاققىنە قورسىقى ئۇنىڭغا ئالاھىدە سالاپەت بېغىشلايتتى. لېكىن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر سۆڭەك بولۇپ قالغانىدى.
دادامنىڭ كېسەل خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئائىلىمىز بويىچە خۇددى چوڭ بىر دۈشمىنىمىزگە ئۇچرىغاندەك بولۇپ قالدۇق. بولۇپمۇ ئاپام، ئۇ ئىككىنچى كۈنىلا تاللا بازىرىدىن قەنتسىز سۈت پاراشۇكى سېتىۋىلىپ كېلىپ، دادامغا ئەتتىگەنلىك تامىقىغا بېرىشكە باشلىدى. ھەر كۈنى دادامنى ۋاقتىدا دورا يىيىشنى ئەسكەرتەتتى ۋە دادامغا ھەمرا بولۇپ رايونىمىزنىڭ باغچىسىدا ئايلىناتتى، ھەتتا قانداقلا كۈن بولىشىدىن قەتئىينەزەر ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئوينىغۇزاتتى. ئانامنىڭ بۇنداق كۆيۈمچانلىق بىلەن خەۋەر ئېلىشى نەتىجىسىدە، دادامنىڭ كېسىلى ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى كونتورول قىلىندى. لېكىن ئارىدا بىر نەچچە قېتىم كېسىلى ئۆزگىرىپمۇ قالدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، دادامنىڭ ئالدىراقسان مىجەزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

 


دادام مىجەزى تۈز، ئاسانلا ھاياجانلىنىپ قالاتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، دادام قول ئاستىدىكى بىرەيلەن بىلەن گەپ تالىشىپ قالغاندا، قان قەنتى ۋە قان بېسىمى بىراقلا ئۆرلەپ ھوشىدىن كەتتى. بىز دادامنى جىددىيلا دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق. دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، ئادەمنىڭ كەيپىياتى بىلەن قەنت سىيىش كېسىلى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئادەمنىڭ قان قەنتى داۋالغۇپ مۇقىملىشالماسلىقى بەزىدە ئاچچىقلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بىزنىڭ دادامغا ياخشى نەسىھەت قىلىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى ئېيتتى.
دادام دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز كەلگەن بوش ۋاقىت دادامنى ئاسانلا تېرىكىدىغان قىلىپ قويغاچقىمۇ، قان قەنتى بىر مەزگىلگىچە مۇقىم بولالماي قالدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەگەردە بۇ خىل ئەھۋالنى تۈپتىن ھەل قىلمىغاندا، كېسەلدىن قۇتۇلالمايدىغانلىمىز ئېنىقلا ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەن بىر يۈرۈش "ئۆزىنى تەڭشەش" ئۇسۇلىنى ئويلىنىپ چىقتىم ھەمدە دادامنىڭ مىجەزىنى تەڭشىشىگە يىتەكچىلىك قىلدىم.

ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئۆز مىجەزىنى ياخشى تەڭشىگىلى بولىدۇ؟ دىققىتىڭىز يازمىنىڭ داۋامىدا بولسۇن!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر