6 تۈرلۈك ئىش تۇرمۇشىڭىزنى بەختسىز قىلىپ قويىدۇ

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: سوخۇ تورى | ۋاقتى: 2012/02/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا03 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا03

جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇشى بەختلىكمۇ؟ چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇنىڭغا ئالاھىدە قىزىقىسا كېرەك، يېقىنقى 5 يىل مابەينىدە گوللاندىيە روتتېردام ئىراسۇماس ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەنگىلىيە لېيسېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئامېرىكا مىچگان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ پىسخىكا گۇرۇپپىسى بەس-بەستە جۇڭگۇلۇقلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بىردەك مۇنداق يەكۈن چىقارغان: جۇڭگولۇقلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى نۆۋەتتە پەسكويغا چۈشكەن! ئۇنداقتا بۇ ئەجنەبىيلەر سۆزىنىڭ تارازا باسىدىغان گەپ ياكى ئەمەسلىكىنى تۆۋەندە كۆرۈپ باقايلى:


1. بەس تالىشىشقا ئامراق بۇلۇش


زامانىمىزدىكى كىشلەر ئاساسلىق زېھنىنىڭ ھەممىسىنى رىقابەتكە ئاتىغان بۇلۇپ، ئەمەل، ئۆي، بايلىقتا بەس تالىشىشىدۇ. ئۇنى-بۇنى سېلىشتۇرۇپ ئاخىرىدا كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە ئېشىنچە نەپسى يالقۇنلاپ، بەخت تۇيغۇسىنى يوققا چىقىرىدۇ.

2.قانائەت قىلماسلىق

بەس تالىشىش ئارزۇ-ئارماننى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ ئارمانلار كىشىلەرنى ھېرىپ چارچىشىغا قارىماي ئاداققىي جاپا تارتقۇزۇپ، نام-مەنپەئەتنىڭ چوققىلىرىغا چىقىش ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىرىششىقا مەجبورلايدۇ.

3. ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرۈشكە ماھىر بولماسلىق


نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ بەختىسىز تەرەپلىرىنىلا كۆرىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ بەختىنى زىيادە مۇبالىغىلەشتۈرۋېلىپ، ئۆز قول ئىلكىدىكى بەخت ۋە خۇشاللىقلارنى ھېس قىلالمايدۇ.


4. ئۆز ئارا ئىشەنمەسلىك

جۇڭگولۇقلار چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ تەرەققىي قىلىشنى ياقتۇرىدۇ، ئەمما ئۇ شەھەرلەردىكى كىشلەرنىڭ قەلبىدە كىشلىك مۇناسىۋەت يىراقلىشىپ، يالغۇزسىراپ ۋە زېرىكىپ تۇرسا ئۆزىنى قانداقمۇ بەختلىك ھېس قىلالىسۇن؟!


5. زىيادە ئەندىشە قىلىش

ئۆي سېتىۋېلىش، پەرزەنتلەرنى بېقىپ قاتارغا قوشۇش، ئائىلىدىكى ياشانغانلارنى بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئەمەل مەيدانىدىكى ئۆسۈش ئىمكانىيىتى، زىيادە مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر جۇڭگولۇقلارنىڭ يەلكىسىنى بېسىپ تۇرىۋاتقان «بېسىم مەنبەلىرى». ياشانغانلار، ياشلار، ھەتتا بالىلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىر خىل بىئارامسىزلىق ھالىتىدە تۇرغاچقا، قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلىشقا ئىمكان بولمىغان.


 

6. غايىسىز بۇلۇش

كىشىلەر ياش ۋاقتىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن پۇل تېپىش رىقابىتىگە چۈشۈپ كەتكەچكە، ئۆزىنىڭ زادى نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان بۇلۇپ قالغان. بۇ خىل ئېتىقاد ۋە غايىنىڭ نامراتلىقى ئۇزۇن مەزگىللىك، خۇشاللىق بېغىشلايدىغان بەخت تۇيغۇسىنىڭ پەيدا بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر