ئۆزىڭىزدە پىسخىكىلىق چارچاش بارلىقىنى بىلەمسىز

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بۇرۇن چارچاش سۆزىنى جىسمانى جەھەتتىن ھېرىپ - چارچاشقا ئىشلىتەتتۇق . بۈگۈنكى ئۆگۈنىش ، خىزمەت ،تۇرمۇش رېتىمى ئۆزلۈكسىز تېزلىشىۋاتقان دەۋردە بولسا ، ئادەملەر جىسمانى جەھەتتىن ئەمەس ، بەلكى پىسخىكىلىق جەھەتتىن چارچاپ قالىدىغان بولدى . بۇنىڭ بىلەن پىسخىكىلىق چارچاش " يۇشۇرۇن قاتىل " سۈپىتىدە ئادەملەرنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە . ئەلۋەتتە ، بۇ خىل چارچاشنى تۈگىتىش ئۈچۈن ، پىسخىكىمزنى ئاسراپ ۋە ئۇنى تەڭشىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ . سىز چارچىدىڭىزمۇ ؟ ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىڭ .

ئادەملەر چارچىغاندا سىگنال بېرىدۇ ، بۇ سىگنال ئارقىلىق چارچىغان ياكى چارچىمىغانلىقنى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ . مۇتەخەسسىسلەر ئۆزىنى سىناش ئۈچۈن تۈۋەندىكى 20 خىل ئەھۋالنى ئوتتۇرغا قويۇپ بەردى . قايسى نوقتا سىزدە مەۋجوت بولسا " توغرا " بەلگىنى قويۇڭ .

1- ئەتتىگىنى ھورۇنلۇق قىلىپ ، ئورنىڭىزدىن تۇرغۇڭىز كەلمەمدۇ .

2- ئاپتۇبوس كەلسە يۈگۈرىپ چىققۇڭىز كەلمەيدۇ .

3- پەلەمپەيگە چىققاندا پۇتىڭىزنى ئاران يۆتكەيسىز .

4- رەھبىرىڭىز ياكى تونىمايدىغان ئادەملەر بىلەن كۆرىشىشنى خالىمايسىز .

5- ماقالە يازغاندا ياكى دوكلات بەرگەندە ، داۋاملىق خاتالىق كۆرىلىدۇ .

6-گەپ قىلغاندا ئاۋازىڭىز ئىنچىكە ھەم قىسقا .

7- باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشنى خالىمايسىز .

8- داۋاملىق خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ قالىسىز .

9- كۆپ چاي ئىچىسىز .

10- مايلىق نەرسىلەرنى يىگۈڭىز كەلمەيدۇ .

11- لازا سېلىپ تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىسىز .

12-قول - پۇتلىرىڭىز قېتىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز .

13- كۆزىڭىزنى ئاچالماي قالىسىز .

14- داۋاملىق ئەسنەيسىز .

15-يېقىن دوستىڭىزنىڭ تېلفون نۇمىرىنى ئەسلىيەلمەيسىز .

16- پۇتىڭىزنى جوزىنىڭ ئاستىغا سۇنۇپ ئولتۇرغىڭىز كېلىدۇ .

17- ھاراق ، تاماكىغا ئالاھىدە ئامراق .

18- سەۋەپسىز سەمرىپ ياكا ئورۇقلاپ كەتتىڭىز .

19- ئوڭايلا ئىچىڭىز سۈرۈپ قالىدۇ ، ياكى قېتىپ قالىدۇ .

20- ئۇيقىڭىز كېلىدۇ ، بىراق كارىۋاتقا چىقسىڭىز ئۇخلىيالمايسىز .

يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنىڭ 2 سى بولسا ، يەڭگىل دەرىجىلىك چارچاش مەۋجوت بولىدۇ ؛ 4 سى بولغان بولسا ، ئوتتۇرھال دەرىجىلىك چارچاش بولىدۇ ؛ ئەگەر 6 سىدىن يۇقىرى بولغان بولسا ، ئېغىر دەرىجىلىك چارچاش بولۇپ ، چوقۇم ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلىشىڭىز كېرەك . سىز قايسى خىلدىكى ھاردۇق يېتىشكە كىرىسىز . ھاردۇق يېتىشنىڭ سەۋەبى كۆپ بولۇپ ، ئاساسلىق جىسمانى جەھەتتىن چارچاش ، مىڭىسى چارچاش ، پىسخىكىلىق چارچاش ۋە ئونۋىرسال چارچاش قاتارلىقلار بار .

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  •  تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز داڭلىق شەخسلەرگە ئائىت سەرخىل ھېكايىلەر دېگەن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان. بۇ جۈملىگە ئىنتايىن چوڭقۇر پەلسەپە
  • دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ بىر بالا دادىسىدىن سوراپتۇ: ــ دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ ــ مېنىڭ بار، ئەمما سېنىڭ يوق. مەن بۇ پۇلنى تىرىشىپ - تىرمىشىپ، جان تىكىپ ئىشلەپ ئاران تاپقان. سەنمۇ كەلگۈسى
  •  يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ تەتقىقاتدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى يېمەكلىكلەر ئارقىلىقمۇ ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلغىلى بولىدىكەن. كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلىغۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا بۇغداي بولكىسى ئەڭ يا
  • ئارتۇقچە ھەشەم ئۆزىڭىزگە يۈك، ئۆزگىلەرگە روھىي بېسىمدۇرئارتۇقچە ھەشەم ئۆزىڭىزگە يۈك، ئۆزگىلەرگە روھىي بېسىمدۇر ئىلگىرى دۇنيا توي ئۆرپ- ئادەتلىرى دېگەن فىلىمنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس توي ئادەتلىرى تونۇش
  •  ئاغرىنماڭ ئاغرىنماڭ ئاغرىنىش ــ بىر خىل پاسسىپ ئېنېرگىيە بولۇپ، خۇددى ئۆز پۇتىغا پالتا چاپماققا ئوخشايدۇ. باشقىلارغا مەنپەئەتى تەگمىگەن كىشىنىڭ، ئۆزىمۇ پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاغرىنىش