يۈرەك خۇشاللىقنىڭ يىلتىزى

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، ئىنسانلاردا ھېچقانداق خۇشاللىق ئۇقۇمى يوق ئىكەن. لېكىن، ئىنسانلار خۇشاللىقنى ئىزدەش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، دائىم نەتىجىسىز قالىدىكەن. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان تەڭرى ھۆر - غىلمان پەرىشتىلەرنى يىغىپ يىغىن ئېچىپتۇ ۋە:
-مەن ئىنسانلارغا ئەقىل - پاراسەتنى ئاتا قىلىشتىن باشقا، يەنە خۇشاللىقنىمۇ ھەدىيە قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن. لېكىن، بەزى ۋاقىتلاردا خۇشاللىق ئەقىل - پاراسەتتىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇنى ئىنسانلارغا مۇنداقلا ھەدىيە قىلىۋەتسەك قەدرىگە يەتمەيدۇ. ئۇنداقتا، بىز خۇشاللىقنىڭ سىرىنى قەيەرگە يۇشۇرۇپ قويساق ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
- خۇشاللىقنى ئېگىز تاغنىڭ ئۈستىگە يۇشۇرۇپ قويايلى،-دەپتۇ بىر پەرىشتە،-بۇنداق قىلساق ئىنسانلارنىڭ بايقىشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.
تەڭرى پەرىشتىنىڭ گېپىنى رەت قىلىپ بېشىنى چايقاپتۇ.
-ئۇنداقتا، بىز ئۇنى چوڭقۇر ئوكيانغا يۇشۇرۇپ قويايلى، كىشىلەر بۇنى چوقۇم بايقىيالمايدۇ،-دەپتۇ يەنە بىر پەرىشتە.
تەڭرى يەنە بېشىنى چايقاپتۇ.
-ئۇنداقتا، بىز ئۇنى يەر تېگىگە كۆمۈۋېتەيلى، بۇ ئىنسانلار ئەڭ ئېتىبارسىز قارايدىغان جاي،-دەپتۇ يەنە بىر پەرىشتە.
بۇ جاۋاپلارمۇ ئىنكار قىلىنىپتۇ.
-مېنىڭچە بولغاندا خۇشاللىقنىڭ سىرىنى يەنىلا ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە يۇشۇرۇپ قويغىنىمىز تۈزۈك. چۈنكى، كىشىلەر دائىم ئۆز خۇشاللىقىنى سىرتتىن ئىزدەيدۇ. ئەكىسچە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز يېنىدىكى خۇشاللىقنىڭ سىرىنى تېپىپ چىقىشنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ،-دەپتۇ يەنە بىر پەرىشتە.
تەڭرى بۇ جاۋاپتىن تولىمۇ رازى بوپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ خۇشاللىقنىڭ سىرىنى ھەر كىشىنىڭ قەلبىگە يۇشۇرۇپ قويۇپتۇ.
گەرچە بۇ بىر رىۋايەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ناھايىتى توغرا قانۇنىيەت. خۇشاللىق بىزنىڭ قەلبىمىزگە يۇشۇرۇنغان، يۈرەك بولسا خۇشاللىقنىڭ يىلتىزى.
قىسقىغىنە ھايات مۇساپىسىدە، ھەممە كىشىنىڭ تەلپۈنىدىغان ئارزۇ - تەلەپ، مەقسەتلىرى بولىدۇ. بەزىلەر ئەۋلادلىرى بىلەن قانائەت تاپسا، يەنە بەزى كىشىلەر مال - دۇنيا، چوڭقۇر بەخت تۇيغۇسىنى تەلەپ قىلىدۇ، بەزى كىشىلەر ئەقىل - پاراسىتى بولسىمۇ، كۆرەڭلەپ يۈرۈشكە ئىنتىلىدۇ، بەزى كىشىلەر ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ھەر كىمنىڭ ئارزۇ -تەلەپ، ئارمانلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. لېكىن، ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىدىغان بولساق، شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئۇلارنىڭ ئاخىرىدىكى نەتىجىسى يەنىلا خۇشاللىق تەلەپ قىلىش ئۈچۈندۇر. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ئۆزى كۈتكەن خۇشاللىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن ئاددىي مەسىلە. چۈنكى، خۇشاللىقنىڭ مەنبەسى ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىدە بولغاچقا، ئاكتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيەسى، ياخشى خۇلۇق، ئېسىل ئەخلاقىي - پەزىلەت، بەدەل تۆلەش روھى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزدە بار بولغان خۇشاللىقنىڭ مەنبەسىدۇر. بۇنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ تاپماق تەس ئەمەس.
خۇلاسە شۇكى، تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقى پەقەت بىزنىڭ كىشىلەرگە، شەيئىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىمىزگە باغلىق بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، خۇشال كەيپىيات يېتىلدۈرۈش ۋە كۆڭۈلنىڭ تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىز ئەڭ ئاۋۋال خۇشاللىق ئىدىيەسى ۋە ھەرىكەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي خۇشاللىق تۇيغۇسىغا ئىگە ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىققىلى بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  •  تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز داڭلىق شەخسلەرگە ئائىت سەرخىل ھېكايىلەر دېگەن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان. بۇ جۈملىگە ئىنتايىن چوڭقۇر پەلسەپە
  • دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ بىر بالا دادىسىدىن سوراپتۇ: ــ دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ ــ مېنىڭ بار، ئەمما سېنىڭ يوق. مەن بۇ پۇلنى تىرىشىپ - تىرمىشىپ، جان تىكىپ ئىشلەپ ئاران تاپقان. سەنمۇ كەلگۈسى
  •  يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ تەتقىقاتدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى يېمەكلىكلەر ئارقىلىقمۇ ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلغىلى بولىدىكەن. كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلىغۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا بۇغداي بولكىسى ئەڭ يا
  • ئارتۇقچە ھەشەم ئۆزىڭىزگە يۈك، ئۆزگىلەرگە روھىي بېسىمدۇرئارتۇقچە ھەشەم ئۆزىڭىزگە يۈك، ئۆزگىلەرگە روھىي بېسىمدۇر ئىلگىرى دۇنيا توي ئۆرپ- ئادەتلىرى دېگەن فىلىمنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس توي ئادەتلىرى تونۇش
  •  ئاغرىنماڭ ئاغرىنماڭ ئاغرىنىش ــ بىر خىل پاسسىپ ئېنېرگىيە بولۇپ، خۇددى ئۆز پۇتىغا پالتا چاپماققا ئوخشايدۇ. باشقىلارغا مەنپەئەتى تەگمىگەن كىشىنىڭ، ئۆزىمۇ پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاغرىنىش