روھى جەھەتتىن غەمكىنلىشىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئۇيقۇسىز يۈرىدىغانلار ئاسانلا ھەرخىل روھىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىكەن. ئادەتتە ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىگە دىققەت قىلىپ، كەيپىياتىنى تەڭشەپ تۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش، تۇرمۇشتا ئۆزى قىلالايدىغان دائىرىدىكى ئىشلارنى قىلىش، ئىمكان بار كەڭ قۇرساق بولۇش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرگەن ئاساستا قوشۇمچە دەم ئېلىشنىمۇ بىرلەشتۈرۈش ئۆزىنى تەڭشەشنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرىدۇر. ئەگەر كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر ئېغىر بولسا ئەڭ ياخشىسى پسىخىكا دوختۇرلىرىغا كۆرۈنۈپ بېقىش لازىم. لېكىن، ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئورۇنلىرىدىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ كلىنىكىدا روھىي جەھەتتىن دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش جەھەتتىكى تەجرىبىسى تۈپەيلى بىرقىسىم پسىخىكا جەھەتتىن بىنورمال بولغان بىمارلار بۇنداق ئورۇنلاردا داۋالىنىپ شىپا تاپالمايدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دۆلىتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14دۆلەتتىكى 15داۋالاش نۇقتىسىنى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى دوختۇرلارنىڭ پسىخىكا جەھەتتىكى توسالغۇلارغا دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش سەۋىيىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا ئەڭ تۈۋىنى %15.9 بولغان، قالغانلىرىغا دىئاگنوز قويۇلمىغان ۋە خاتا دىئاگنوز قويۇلغان. توغرا دىئاگنوز قويۇلغانلىرىمۇ پەقەت دورا بىلەنلا داۋالانغان. روھىي كېسەللىكلەرنى مەخسۇس داۋالايدىغان ئامبولاتورىيىلەرگە ۋە كەسپىي دوختۇرخانىلارغا يۆتكەپ داۋالانغانلىرى پەقەت %8.9 بولغان. بەزى بىمارلار ‹‹روھىي كېسەللەر›› بىلەن بىللە يېتىپ–قوپۇپ داۋالىنىشتىن قورقۇپ مەخسۇس ئامبولاتورىيىلەرگە يۆتكىلىپ داۋالىنىشنى خالىمىغان. ئۇزاق مۇددەت داۋالىنىشنى كەينىگە سۈرۈش ياكى ئۈنۈمسىز داۋالىنىش كېسەللىك ئەھۋالىنى بارغانسېرى يامانلاشتۇرىۋەتكەن.

ھېسسىيات جەھەتتىكى توسالغۇنى داۋالاشتا (سەۋدا خاراكتېرلىك روھىي كېسەللىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ) خاپىغانلىققا ياكى سەۋدالىققا قارشى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. روھىي كەيپىياتنى مۇقىملاشتۇرۇش، تىت–تىتلىقنى كونتىرول قىلىش، ئۇيقۇنى ياخشىلاشتا زىيادە سەزگۈرلىككە قارشى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. بۇ تۆت خىل دورىنىڭ ھەممىسى بىرخىل كېسەلگىلا قارىتىلغان بولماستىن بەلكى كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتىلغان. مەسىلەن، روھىي جەھەتتىن پارچىلانغان بىمارلاردا خاپىغانلىق، روھسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا خاپىغانلىققا قارشى دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ؛ سەۋدالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئارتۇقچە ھاياجانلانغاندا نېرۋىنى كۈچلەندۈرىدىغان دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ. لېكىن ھەرقانداق بىر روھىي كېسەلدە ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىشى مۇمكىن، شۇڭا ھەممىسىگە زىيادە سەزگۈرلۈككە قارشى دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ. زىيادە سەزگۈرلىككە قارشى دورىلار تەسىر قىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن–قىسقىلىقىغا قاراپ قىسقا ئۈنۈملىك دورا ۋە ئۇزاق ئۈنۈملىك دورا دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. نېرۋىنى كۈچلەندۈرىدىغان دورىلار ئىچىدە زىيادە سەزگۈرلىككە قارشى دورىلار (تىنچلاندۇرۇش دورىسى) ئادەمنى خۇمار قىلىپ قويىدۇ. شۇنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا قىسقا ئۈنۈملۈك دورىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدىغانلىقى ياكى ھەرىكەتتە تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىدىغانلىقى بايقالغان.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى