روھىي بېسىم ھاياتنىڭ كۈشەندىسى

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئىنسان كائىناتتىكى ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ سىرلىق مەۋجۇدات، ئۇنىڭ مۇرەككەپ ۋە سىرلىقلىقى ئۇنىڭ ئىنسان تېگىگە يېتىپ بولماس چوڭ مېڭىگە ۋە ئۆزگىرىشچان روھىيەتكە ئىگە بولغانلىقىدا. ھازىرقى دەۋر توختاۋسىز رىقابەت دەۋرى. ھەر قانداق بىر ئەقىل ئىگىسىنى ئۆزى ۋە جەمئىيەت ھەققىدە ئۈزلۈكسىز پىكىر قىلىشقا، ئالغا بېسىشقا ئۈندەش بىلەن بىر ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ روھىي بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك پىسخىك مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىپ، نورمال ياشاشقا، ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىشتەك سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئۇنداقتا روھىي بېسىمغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ كىشى ياشاش جەريانىدا ئۆزى ئويلاپمۇ باقمىغان زىددىيەت، بېسىملارغا ئۇچرىمايمەن دېيەلمەيدۇ. ئەگەر بۇ ئەھۋاللارغا توغرا قارىيالمىغاندا تېز كېتىۋاتقان پويىز تۇيۇقسىز رېلىستىن چىقىپ كەتكەندەك، ئادەمنى ئاسانلا تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. تۇرمۇشىمىزدا مۇۋاپىق بېسىم ۋە باشقا روھىيەت ئۆزگىرىشلىرىنىڭ بولۇشى نورمال ھادىسە. بىراق، شۇ خىرىس، بېسىملارنى كاللىسىغا قاچىلىۋېلىپ، ئۇنى يۈك قىلىۋېلىشنىڭ ئۆزى خاتالىق. ئەگەر ئىنسان غەم – قايغۇنى كاللىسىغا كىرگۈزۈۋالسا، بېسىم ئالدىدا بىچارىلەرچە باش ئېگىپ، ئاخىرىدا ھېچ ئىش قىلالمايدىغان ئەرزىمەس بىر كىشىگە ئايلىنىپ قېلىشى ئېنىق. ئەگەر غەم – قايغۇنى ئۇزاق ۋاقىت خىيالىڭىزدىن نېرى قىلمىسىڭىز، ئۇلار روھىيىتىڭىزنى خورىتىۋېتىشى مۇمكىن. ۋاقىت شۇ يوسۇندا ئۆتۈۋەرسە، سىز روھىي جەھەتتىن ۋەيران بولۇشىڭىز مۇمكىن. تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەرگە جەزمەن ئېتىبار بېرىش، ھەمىشە ئويلاپ يۈرۈشكە بولمايدۇ. مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۇلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئارام ئېلىشىڭىز كېرەك. بولمىسا، ئۆزىڭىزمۇ سەزمىگەن ھالدا ئۇلار تەرىپىدىن نابۇت قىلىنىپ كېتىسىز. بولۇپمۇ ھازىر جەمئىيىتىمىزدە تۈرلۈك روھىي كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلار، پىسخىك تەڭپۇڭسىزلىقلارغا ئۇچراپ گاڭگىراپ يۈرۈۋاتقانلار كۆپەيمەكتە. ھازىر بالىلاردا ئىمتىھان بېسىمى، ياشلىرىمىزدا خىزمەت، تۇرمۇش بېسىمى، چوڭلىرىمىزدا پەرزەنت، ساغلاملىق بېسىمى... ئويلاپ باقساق ھەرقانداق بىر نورمال تەپەككۇرغا ئىگە ئادەم ئۆز روھىيىتىنى تامامەن ئۆزى كونترول قىلىش ئىمتىيازىغا تولۇق ئىگە. ئادەم ئۆز ئىدىيەسىنى ئۆزى باشقۇرالمىسا ھېچنېمىنى باشقۇرالمايدۇ. بېسىمغا ئۇچرىغان كىشى شۇ بېسىمنىڭ بىر ئۆزىگىلا كەلمەيۋاتقانلىقىنى، ھەتتا چىدىغۇسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلارنىڭمۇ شۇ بېسىمنى يېڭىپ يەنىلا ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا قاراۋاتقانلىقىنى بىلگەندە، بېسىم ئالدىدا بىچارىلەرچە قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرغانلىقىدىن خىجىللىق ھېس قىلىشى، ئۆز روھىيىتىنى تەڭشەشكە، تۈرلۈك روھىي بېسىملارنى چوقۇم ئارقىغا تاشلاپ، دادىللىق بىلەن يېڭى مەنزىللەرگە يۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ھاياتتا ھەر قانچە كۈلپەت، ھەر خىل روھىي بېسىم ئالدىدا تېز پۈكۈش ئاجىزلىق، ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنىپ ئۇنى ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ پەلەمپىيى قىلىش باتۇرلۇق. ئىنسان كامالىتىنىڭ يۈكسەك يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەنلىك. شۇنداق قىلالىغاندىلا ئىنسان ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى، ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلالايدۇ. شۇڭا ئۆز – ئۆزىمىزنى يېڭىش، خۇشال، ئەھمىيەتلىك ياشاش، ئۆزىمىزنى نامايان قىلىش، ئىجادكارلىق قابىلىيىتىمىزنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە نامايان قىلىش ۋە باشقا يوشۇرۇن ئىقتىدارىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن روھىي بېسىمغا چەك بېكىتىپ بېرەيلى. چۈنكى روھىي بېسىم ھاياتنىڭ زور كۈشەندىسى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى