رەڭنىڭ كەيپىياتقا بولغان تەسىرى

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

يېشىل رەڭ :يېشىل رەڭ ئادەمگە ئېغىر بېسىق ۋە ئازادە تۇيغۇ بېرىدۇ، تىنچلاندۇرۇش، كۆزنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىش، كۆز چارچاشنى تۈگىتىش، مۇسكۇلنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ياخشىلاش قاتارلىق رولى بار. تەبىئىي يېشىل رەڭ يەنە ھوشسىزلىنىش، چارچاش، كۆڭلى ئېلىشىش ۋە پاسسىپ كەيپىيات قاتارلىقلارنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە، لېكىن ئۇزۇن ۋاقىت يېشىل مۇھىتتا تۇرسا، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىغا تەسىر يېتىپ، ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ.

كۆك رەڭ: كۆك رەڭ ئادەمدە خىيالى تۇيغۇ پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە نىسبەتەن سۈرلۈك كۆرسىتىدۇ، نېرۋىنى تەڭشەش، تىنچلاندۇرۇش رولى بار. ئادەتتە، كۆك رەڭلىك چىراغ نۇرىنىڭ ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش ۋە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۆرۈنەرلىك رولى بار. ماشىنا ياكى پويىزغا ئولتۇرۇپ ساياھەتكە چىققاندا كۆك رەڭلىك كۆز ئەينەك تاقىۋالسا، باش قېيىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. لېكىن، نېرۋىسى ئاجىزلار، خاپىغانلىق كېسىلى بىمارلىرى كۆك رەڭ بىلەن ئاز ئۇچراشقىنى ياخشى، بولمىسا كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.

سېرىق رەڭ :سېرىق رەڭ ساغلاملىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان رەڭ. سېرىق رەڭ ئەڭ ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان بولغاچقا، پاك ۋە يورۇق كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭ يەنە ساغلام ئادەملەرگە نىسبەتەن كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش رولى بار؛ كەيپىياتى تۆۋەن، ھەسرەت چېكىدىغان ئادەملەرنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىۋېتىدۇ.

قارا رەڭ :قارا رەڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش، تىنچلاندۇرۇش رولى بولۇپ، ھاياجانلىنىدىغان، ئىچى تىتىلدايدىغان، ئۇيقۇسىزلىق ۋە قورقۇنچاق كىشىلەرگە نىسبەتەن تىنچلاندۇرۇش رولى بار.

ئاق رەڭ :ئاق رەڭ ئادەمگە پاكىز ۋە كەڭرى تۇيغۇ بېرىدۇ. تار يەردە ئاق رەڭ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئادەملەرنىڭ مىجەزىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدىغان بولغاچقا، قان بېسىمنىڭ نورماللىقىنى ساقلاشقا ياردىمى بار. لىكىن، تەنھالىقنى خالاش كېسىلى بىمارلىرى ۋە خاپىغانلىق كېسىلى بىمارلىرى ئاق رەڭلىك مۇھىتتا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرماسلىقى كېرەك، بولمىسا كېسىلى ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

ھالرەڭ :ھالرەڭ مۇلايىملىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ.    تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئادەم ئاچچىقلانغاندا ھالرەڭگە قارىسا، ئاچچىقى تېز يانىدىكەن. چۈنكى، ھالرەڭ ئادەمنىڭ بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئازايتىدىغان بولغاچقا، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن. لېكىن، تەنھالىقنى خالاش كېسىلى بىمارلىرى ۋە غەمكىن كىشلەر ھالرەڭ بىلەن ئاز ئۇچرىشىشى كېرەك، بولمىسا كەيپىياتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىۋېتىدۇ.

كۈلرەڭكۈلرەڭ تولىمۇ رايىش بولۇپ، ھەر قانداق رەڭلەر بىلەن ماسلىشىدۇ. شۇڭا، رەڭلەرنى ماسلاشتۇرۇش تەس بولغاندا كۈلرەڭنى ماسلاشتۇرسا بولىدۇ، ساغلاملىققا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

قىزىل رەڭ : قىزىل رەڭ كۈچلۈك غىدىقلاشچان رەڭ بولۇپ، ئادەمگە قىزغىن، ئوتتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. لېكىن، قىزىل رەڭ بىلەن بەك كۆپ ئۇچراشماسلىق كېرەك. توق قىزىل رەڭگە كۆپ قارىسا، كۆرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپلا قالماي، باشنى قايدۇرۇپ، كۆزنى تورلاشتۇرىدۇ. شۇڭا، يۈرەك، مېڭە كېسىلى بىمارلىرى قىزىل رەڭگە ئازراق قارىشى كېرەك.

قىزغۇچ سېرىقرەڭ :قىزغۇچ سېرىق رەڭ  بۇ رەڭ ئادەمگە جۇشقۇن كەيپىيات ئاتا قىلىپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ئۇ شۇنداقلا ساغلاملىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان رەڭ بولۇپ، ئۇ ئادەمگە پىشقان ۋە بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى