قانداق كىشىلەر ۋاقتىنچە كېچىكىپ توي قىلىش كېرەك؟

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

1. ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى ياكى تۇتقاقلىق كېسىلى، خامۇشلۇق كېسىلىگە مۇپتىلا بولغانلار ۋاقتىنچە توي قىلماسلىق كېرەك. داۋالانغاندىن كېيىن ئىككى يىلغىچە كېسەل قايتا كۆرۈلمىسە، ئاندىن توي قىلىشقا بولىدۇ.
2. تاناسىل ئەزالىرى غەيرىلەر ( مەسىلەن سۈيدۈك يولى يىرتىلغان، ئاياللاردا تۇغما جىنسىي يول يوق، قىزلىق پەردىسى پۈتەي، ئۇچىسى يولى توغرىسىغا توسۇپ قالغانلار) ياكى جىنسىي ئىقتىداردا كاشىلا بارلار( مەسىلەن: ئەرلىك جىنسىي ئەزاسى ئاجىزلار،) ۋاقتىنچە جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمەسلىكى، كېچىكىپ توي قىلىش كېرەك. ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ياكى باشقا داۋالاش ئارقىلىق جىنسىي ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلگەندىكىن توي قىلىشنى ئاندىن ئويلاشسا بولىدۇ.
3. پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، مەسىلەن:  سىل كېسىلى ( ئۆپكە كېسىلى، سۆڭەك سىلى، ئومۇرتقا كېسىلى، پەردە سىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەرىكەتچان مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلار، جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، بۆرەك ياللۇغى بولغانلار ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر، بۆرەك ياللۇغى بىلەن ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلار، يۈرەك كېسىلى يۈرەكنىڭ ئىقتىدارى تولۇق بولماي باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلار ۋاقتىنچە توي قىلسا بولمايدۇ. كېسەل مەزگىلدە توي قىلسا ھارغىنلىق ۋە جىنسىي تۇرمۇش سەۋەبىدىن كېسەلنىڭ ساقىيىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
4. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللەرنى ئايرىپ تۇرۇش مەزگىلىدىكىلەر.
5. ماخاۋ ياكى جىنسىي كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلار داۋالىنىپ تەلتۆكۈس ساقىيىشتىن بۇرۇن  توي قىلىشقا بولمايدۇ. ماخاۋ كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالىدۇ. جىنسىي كېسەللىكلەر جىنسى تۇرمۇش ئارقىلىق قارشى تەرەپ يۇقىدۇ، شۇڭا تولۇق ساقىيىشتىن بۇرۇن توي قىلىشقا بولمايدۇ.
يېقىن تۇغقانلارنىڭ توي قىلىشىنىڭ قانداق زىيىنى بار؟
«نىكاھ قانۇنى» دا، بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان تۇغقانلار ۋە ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدە يانداش قانداشلىق مۇناسىۋىتى بارلارنىڭ توي قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئۇچۇق بەلگىلەنگەن. ھازىر بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بارلارنىڭ توي قىلىشى كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ. لېكىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر يېقىن تۇغقانلار ئۆزئارا توي قىلىشسا «تۇغقانچىلىق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ» دەپ قارىشىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى