سەكتە بىمارلىرىنىڭ روھىي ھالەت ئالاھىدىلىكى

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

① سەكتىدىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلى
قادىر ئاكا بەش يىل ئىلگىرى رەھبەرلىك ئورنىدىن ئايرىلىپ ئارامغا چىققان، ئۇنىڭ جورىسى خېلى ئىلگىرىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ ئۆزىنىڭمۇ ھېچقانداق قىزىقىشى يوق ئىدى. ئالدىراش خىزمەتكە ئادەتلىنىپ قالغان قادىر ئاكا بىردىنلا بىكار بولۇپ قالغاچقا، ناھايىتى بىئارام بولدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. دەسلەپتە كۆڭلى پاراكەندە بولۇپ، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشنى خالىمىدى، كېيىن ھەممىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان، غەلىتە گەپلەرنى قىلىدىغان، بىردەم بۇ يېرى ئاغرىسا، بىردەم ئۇ يېرى ئاغرىيدىغان، كېچىسى ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان، ئۇخلىسا قورقۇنچلۇق چۈش كۆرىدىغان، كۈندۈزى تەشۋىشلىنىپ، قاپىقى ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالدى ھەم ئۇچرىغانلىكى ئادەملەرگە كۈنبويى ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ئۆزىگە كۆيۈنمىگەنلىكىدىن، ئۆزىگە قارىمىغانلىقىدىن ئاغرىنىپ يۈردى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلىكى، رەھبەرلىك ئورنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن يوقلايدىغانلارنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنلىكى، كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىگە ئادىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقىدىن زارلايدۇ. بىراق، ئوغۇل- قىزلىرى كۆرگىلى كەلسە ئۇلارنى تىللاپ كەتكۈزۈۋەتتى، بالىلار ئەكەلگەن سوۋغىلارنىڭ ھەممىسىنى چۆرۈۋەتتى. ئۇ بالىلىرى ئەكەلگەن نەرسىلەرنى زەھەرلىك، ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلىپ، پۇل، مال- مۈلكۈمنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى، دەپ قارىدى. بۇ ئىشلاردىن ئوغۇل-قىزلىرى تەڭلىكتە قېلىپ، تولىمۇ بىئارام بولدى، نېمە قىلىشنى بىلەلمىدى. ئەسلىدە غەرەز ئۇقىدىغان، كۆكسى- قارنى كەڭ بوۋاينىڭ نېمىشقا بىردىنلا مۇشۇنداق ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدى. ئەمەلىيەتتە، قادىر ئاكىنىڭ كېسىلى تىپىك سەكتىدىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلى ئىدى.
    سەكتە بىلەن خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، سەكتە بىمارلىرى مېڭىسى ئوخشاش دەرىجىدە سىرتقى زەخىمگە ئۇچرىغان بىمارلارغا قارىغاندا خامۇشلۇق كېسىلىگە تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، مېڭىنىڭ سول يېرىم شارچىسى تىقىلمىسىدا خامۇشلۇق كېسىلى يۈز بېرىش نىسبىتى مېڭىنىڭ ئوڭ يېرىم شارچىسى ياكى مېڭە غولى تىقىلمىسىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىكەن. مېڭىنىڭ سول يېرىم شارچىسى سەكتىدىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى كېسەللىك ئوچىقىنىڭ ماڭلايغا يېقىنلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. سول ماڭلاي ياپرىقىدا مېڭە تىقىلمىسى كۆرۈلگەن بىمارلاردا سەكتە قايتا يۈز بەرسە، ناھايىتى ئاسانلا خامۇشلۇق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. مېڭىنىڭ ئوڭ يېرىم شارچىسىنىڭ ئارقا قىسمىدىكى سەكتە كېسەللىك ئوچىقىمۇ ناھايىتى ئاسانلا خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
    بىمارلاردا تۆۋەندىكىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە سەكتىدىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىپ، ۋاقتىدا روھىي جەھەتتىن داۋالاش ۋە دورا بىلەن داۋالاشنى ئېلىپ بېرىش لازىم. بۇنداقلاردا كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، ئۈمىدسىزلىنىش سەۋەبىدىن قىزىقىشى ئازىيىش، ئۆز زېھنىي كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىش، مېڭىسى گاللىشىپ، تەپەككۈرى ئاستىلاش، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك؛ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چېكىنىش، ماغدۇرسىزلىنىپ، پۈتۈن بەدىنى ئاغرىپ بىئارام بولۇش؛ ھەرىكىتى ئازىيىپ، باردى- كەلدىنى خالىماسلىق، ئۆزىنى يارامسىز، ياردەمچىسىز ھېس قىلىپ، ئىستىقبالىدىن قايغۇرۇش؛ ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆلۈۋېلىشنى ئويلاش ياكى تەشۋىشلىنىدىغان، ئىككىلىنىدىغان، قاتتىق زىددىيەتلىك ئويلاردا بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا يەنە ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈشى ھەتتە ئۆلۈۋېلىشقا ئورۇنۇشى مۇمكىن. بەزىلىرىدە ئۇيقۇسىزلىق، بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش ياكى ئۇيقۇچان بولۇپ قېلىش، يېمەك- ئىچمىكى بەك كۆپ ياكى بەك ئاز بولۇش، زىيادە سەمرىش ياكى ئورۇقلاش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ.
② ئىچى تىتىلداش، تەشۋىشلىنىش، ئالاقزادە بولۇش
كېسەل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر خىل ناچار غىدىقلىنىش بولۇپ، سەكتىگە گىرىپتار بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. سەكتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان روھىي توسالغۇ- سەكتىنىڭ مېڭە ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە روھىي پائالىيەتنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسقا تەسىر كۆرسىتىشتىن ئىبارەت. سەكتە كېسەللىك يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرى، قايتا قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇشتىن ئىبارەت « تۆت يۇقىرى » كېسەللىك بولغاچقا، بىمارلار كېيىنكى تۇرمۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. قۇتقۇزۇشتىن كېيىن ھايات قالغان سەكتە بىمارلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىدە ئازدۇر- كۆپتۇر كېسەللىك ئاسارىتى قېلىپ، بىمارلارنىڭ تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىشىغا، جەمئىيەتكە قايتىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىمارلار يەنە كېسەللىك ئاسارىتىنىڭ ساقايماسلىقىدىن، كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشىدىن، ئىقتىدار مەشىقىنى ئېلىپ بارغاندا تاسادىپىي ھادىسە يۈز بېرىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، كۈنبويى روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىپ، ئىچى تىتىلداپ تەشۋىشلىنىپ، ئالاقزادە بولۇپ يۈرىدۇ.
③ پاسسىپلىق، تايىنىۋېلىش، نازۇكلۇق
ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، بىماردا پاسسىپلىق، باشقىلارغا تايىنىۋېلىش، ھېسسىيات جەھەتتە زىيادە نازۇك بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بەزىدە ھەتتا كىچىك بالىلارغا ئوخشاش ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنىمۇ باشقىلارغا قىلدۇرىدۇ، ئاكتىپ ھالدا ھەرىكەتلىنىشنى خالىمايدۇ. كىلىنىكىدا ئاكتىپ ھالدا ھەرىكەتلىنىشنى خالىمايدۇ. كىلىنىكىدا ئاكتىپ، جۇشقۇن، كەيپىياتى يۇقىرى بولغان بىمارلارنىڭ ئوخشاش ئەھۋالدا پاسسىپ، كەيپىياتى تۆۋەن بىمارلارغا قارىغاندا سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. شۇڭا، كېسەللىك ئەھۋالى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىمارنىڭ كەيپىياتىنىڭ تۇراقلىق بولۇشى، ئۈمىدۋار، ئاكتىپ، تەشەببۇسكار روھىي ھالىتىنى ساقلاش لازىم.
④ غورۇرى ئاسانلا زەربىگە ئۇچراش
بىمارلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن قەدىر-قىممىتى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرايدۇ، سەزگۈر، گۇمانخور بولۇپ قالىدۇ. ئىلگىرى دىققەت قىلمايدىغان كىچىك ئىشلارغىمۇ دىققەت قىلىدۇ، كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرى چىدىيالىغان ئىشلارغا چىدىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ياكى تېببىي خادىملارنىڭ ئويلىمايلا قىلغان گەپلىرى ياكى ھەرىكەتلىرى بىمارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدۇ.
⑤ غېرىپسىنىش
بىمارلار ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن ھەرىكىتى قولاشماي، ئىجتىمائىي ئالاقىسى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەكتىنىڭ كېسەللىك جەريانى بىرقەدەر ئۇزۇن، تېببىي خادىملار، بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېنىدا دائىم تۇرالمىغاچقا بىماردا يالغۇزلۇق، زېرىكىش، ياردەمسىز قېلىش، تېڭىرقاش، نائىلاجلىق روھىي ھالىتى كۆرۈلىدۇ.
⑥ ئادەتلىنىپ قېلىش روھىي ھالىتى
ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىش نەتىجىسىدە بەزى بىمارلاردا تەدرىجىي ھالدا ئادەتلىنىپ قېلىش روھىي ھالىتى پەيدا بولىدۇ. دوختۇرنىڭ تاپشۇرۇقىغا رىئايە قىلىشقا ئادەتلىنىپ، تېببىي خادىملارغا، ئائىلىسىدىكىلەرگە، ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلىرىغا تايىنىۋېلىپ، ئۆز كېسىلىنى ئۇزاق ۋاقىت ئارام ئېلىش ۋە داۋالىنىشقا موھتاج دەپ قاراپ، قايتا جەمئىيەتكە قايتىشنى خالىمايدۇ، روھىي جەھەتتىن بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى