ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮪﺎﻣﺎﻥ ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
1. ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻕ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﯨﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮪﺎﻣﺎﻥ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺪﯗ. ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﮪﺎﺯﯨﺮﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﺴﻪ، ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺳﺎﯞﺍﺗﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺳﺎﯞﺍﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﻪﻙ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺳﺘﺎ. ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ؟
ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﯩﺪﯗﻕ. ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ.ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺋﯚﺳﯜﭖ-ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ. ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﯩﺴﻪ، ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﮪﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﯩﺴﻪ، ﭼﯩﻘﯩﺸﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﺩﻩﺭﻩﺧﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﭖ، ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯚﺯﻯ 21-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺶ %40 ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ، %40 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ، %20 ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻓﻮﺭﻣﯘﻻﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﻧﯧﻤﻪ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﯓ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﻰ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﻰ، ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯔ.
2. ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ
ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺳﻮﺩﺍ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﻳﺌﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ، ﮔﯘﻣﺎﻥ، ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. 21-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻛﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻛﯩﻢ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﯩﺴﺎ، ﺷﯘ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭﻣﻪﺳﻜﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﺳﻘﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
3. ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ
21-ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﭗ، ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭ، ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺶ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﺪﺍ، ﻛﯩﻤﺪﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 2=1+1ﻧﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ، 11=1+1ﻧﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﭼﻮﻛﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﭼﻮﻛﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
4. ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻧﺎﺯﯗﻙ، ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ
ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻤﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﯩﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﯖﯩﺰ. ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﻏﻪﺵ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻱ-ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻏﻪﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻧﺎﺯﯗﻙ، ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﯨﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
5. ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﻰ ﻳﻪﻛﻜﻪ، ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ
ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﮪﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﺪﻩ، ﻣﯜﺷﯜﻙ: «ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭ، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﻼ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟» ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺷﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﺸﯩﭽﻪ، 2015-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ، ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ 50 ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻛﯩﺮﯨﺰﯨﺲ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻛﯩﺮﯨﺰﯨﺲ، ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮪﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺷﯜﻛﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﻠﺘﺎﻕ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﺭﻩﯕﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ، ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻻﺯﯨﻢ.
6. ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ
ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﯩﮕﯩﻼ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﯧﺴﺎﺑﻼﺷﻘﺎﻧﻼﺭ ﭼﻮﯓ ﭘﯘﻟﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﺋﻪﯓ ﺧﯧﻴﯩﻢ-ﺧﻪﺗﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺩﻩﻝ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭ. ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
7. ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﯩﺴﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ
ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﻳﺪﯗ. ﻛﻮﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺗﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻣﻪﺕ ﻗﺎﭼﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﯩﺴﻰ (IQ) ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﯩﺴﻰ (EQ) ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﺪﺍ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﻟﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ.
ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮪﯧﭻ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﯧﺰ ﯞﻩ ﺋﻮﯕﺎﻱ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺪﯗ. ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ.
ﭘﯩﺴﺨﻮﻟﻮﮔﻼﺭ ﺗﯚﺕ ﺧﯩﻞ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ:
1) ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﺸﻰ--ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
2) ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﯩﺸﻰ--ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﺎﻳﺮﺍﻳﺪﯗ.
3) ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﺳﯩﺰ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﺸﻰ--ﮪﯧﭻ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
4) ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﺳﯩﺰ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﯩﺸﻰ--ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ.
8. ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ ﻗﺎﻻﻕ، ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ
ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﻳﯧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. 21-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺶ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ.
ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ، ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﯩﻤﯘ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ، ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺶ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺕ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯖﻜﯩﻨﯩﻼ ﺭﺍﺳﺖ ﺩﻩﭖ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺳﺎﻗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﻪﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮪﺎﻝ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺧﺎﺭﺍﺑﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻼ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى