ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بۇرۇن لېس ئىسىملىك بىر ياش ئۆتكەنىكەن. ئۇ باشقىلار بىلەن جېدەللىشىپ قالغاندا، يۈگۈرگەن پېتى ئۆيىگە قايتىپ، ئۆيى ۋە ئېتىزىنى ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ چىقىدىكەن، ئاندىن بوش يەردە ئولتۇرۇپ ئارام ئالىدىكەن. ئۇ ئىشچان، زېرەك بولۇپ، تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، ئۆيى ۋە تېرىلغۇ يېرىنىڭ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۆيى قانچىلىك چوڭايغان، تېرىلغۇسى قانچىلىك كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئاچچىقى كەلگەن ھامان قايتىپ، ئۆيى ۋە ئېتىزلىقىنى ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ چىقىدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتمەي، داۋاملاشتۇرۇپ كەپتۇ. لېسنىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلەرگە غەلىتە تۇيۇلۇپتۇ. بەزىلەر ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ دەپ بەرگىلى ئۇنىماپتۇ. كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. لېس بۇ يېزىدىكى ئۆيى ۋە تېرىلغۇ يېرى ئەڭ كۆپ ئادەمگە ئايلىنىپتۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان يېتىلدۈرگەن ئادىتىنى ئۆزگەرتمەپتۇ. ياشقا چوڭىيىپ ھاسىغا چۈشۈپ قېلىپمۇ، بىرەر ئىش كۆڭلىگە ياقماي ئاچچىقى كەلسىلا، يەنە ھاسسىسىغا تايىنىپ ئۆيى ۋە ئېتىزلىقىنى ئايلىنىپ چىقىدىكەن. نەۋرىسى قايتا-قايتا يېلىنىپ ئۇنىڭدىن:  - بوۋا، ياشىنىپ قالدىڭىز، بۇ يەردىكى ئەڭ باي ئادەم سانىلىسىز، نېمە ئۈچۈن ئاچچىقىڭىز كەلسىلا ئۆيلەرنى، يەرلەرنى ئايلىنىسىز؟ بۇنىڭدا بىرەر مەخپىيەتلىك بارمۇ؟-دەپ سوراپتۇ. لېس نەۋرىسىنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا قاراپ، كۆڭلىدە ئۇزۇندىن بېرى ساقلاپ كەلگەن مەخپىيەتلىكنى ئېيتىپ بېرىپتۇ:  - ياش ۋاقتىمدا ھەر قېتىم باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقاندا، جېدەللەشكەندە، ئاچچىقىم كەلگەندە ئۆيۈمنى ئايلىناتتىم. ئايلىنىۋېتىپ ئىچىمدە: مېنىڭ ئۆيۈم شۇنچىلىك كىچىك، يېرىم شۇنچە ئاز تۇرسا، نەدىمۇ باشقىلارغا ئاچچىقلانغۇدەك سالاھىيىتىم بولسۇن؟ دەپ ئويلاپ، ئاچچىقىمنى بېسىۋېلىپ، ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەيتتىم. نەۋرىسى:  - بوۋا، ھازىر يېشىڭىزمۇ بىر يەرگە باردى، يەنە كېلىپ سىز بۇ يەردىكى ئەڭ باي ئادەم، يەنە نېمىشقا بۇنداق قىلىۋېرىسىز؟-دەپ سوراپتۇ. لېس كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:  - ياشىنىپ قالغان بولساممۇ، ئاچچىقىمنى كەلتۈرىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئاچچىقلانغان ۋاقتىمدا ئۆيۈمنى، ئېتىزلىرىمنى ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ: ئۆيۈم شۇنچىلىك چوڭ، يېرىم شۇنچىلىك كۆپ ئادەم تۇرۇپ يەنە باشقىلارغا ئاچچىقلىنىشىمنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ دەپ ئويلايمەن، شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىم يەنە بېسىلىپ قالىدۇ. خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىز ئىشلارغا يولۇقۇپ تۇرىمىز، بۇ ئىشلار غەزىپىمىزنى قوزغاپ، كەيپىياتىمىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ناۋادا داۋاملىق مۇشۇ خىل كەيپىيات ئىچىدە ياشاۋەرسەك، ئىرادىمىز بارغانچە سۇسلىشىدۇ. بۇنداق چاغدا ئاچچىقىمىزنى بېسىۋالىدىغان مۇۋاپىق ئۇسۇلنى تېپىپ، ناچار كەيپىياتىمىزنى تەڭشىشىمىز كېرەك. كونىلاردا «ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ» دەيدىغان ماقال بار. ئاچچىقلىنىش باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئارقىلىق ئۆزىمىزنى جازالايدىغان بىر خىل شەكىل. ئۇ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، كىشىلەر ئارىسىدىكى ھېسسىياتقا زىيان يەتكۈزىدۇ. تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقتىن ھوزۇرلىناي دېسىڭىز، ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئاچچىقنى بېسىۋېلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىڭ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  •  تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز داڭلىق شەخسلەرگە ئائىت سەرخىل ھېكايىلەر دېگەن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان. بۇ جۈملىگە ئىنتايىن چوڭقۇر پەلسەپە
  • دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ بىر بالا دادىسىدىن سوراپتۇ: ــ دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ ــ مېنىڭ بار، ئەمما سېنىڭ يوق. مەن بۇ پۇلنى تىرىشىپ - تىرمىشىپ، جان تىكىپ ئىشلەپ ئاران تاپقان. سەنمۇ كەلگۈسى
  •  يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ تەتقىقاتدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى يېمەكلىكلەر ئارقىلىقمۇ ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلغىلى بولىدىكەن. كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلىغۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا بۇغداي بولكىسى ئەڭ يا
  • ئارتۇقچە ھەشەم ئۆزىڭىزگە يۈك، ئۆزگىلەرگە روھىي بېسىمدۇرئارتۇقچە ھەشەم ئۆزىڭىزگە يۈك، ئۆزگىلەرگە روھىي بېسىمدۇر ئىلگىرى دۇنيا توي ئۆرپ- ئادەتلىرى دېگەن فىلىمنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس توي ئادەتلىرى تونۇش
  •  ئاغرىنماڭ ئاغرىنماڭ ئاغرىنىش ــ بىر خىل پاسسىپ ئېنېرگىيە بولۇپ، خۇددى ئۆز پۇتىغا پالتا چاپماققا ئوخشايدۇ. باشقىلارغا مەنپەئەتى تەگمىگەن كىشىنىڭ، ئۆزىمۇ پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاغرىنىش