يالغۇز تۇرۇش ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنى ئاشۇرۋېتىدۇ   

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

فىنلاندىيە بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: يالغۇز تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە تۇرغانلارنىڭكىدىن % 80 يۇقىرى ئىكەن. فىنلاندىيە خېلسنىكى ئۇنىۋېرسىتېتى كەسپىي ساغلاملىقتەتقىقات ئورنى ۋە دۆلەتلىك ساغلاملىق ۋە پاراۋانلىق تەتقىقات ئورنى تەتقىقاتچىلىرى 7 يىل جەريانىدا، ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە قارشى تۇرۇش دورىسى سېتىۋالغان 3500 نەپەر خىزمەتتىكى فىنلاندىيىلىككە ئەگىشىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە بۇنىڭ ئىچىدىكى يالغۇز تۇرغۇچى %25 ئادەم دورا سېتىۋېلىش ئارقىلىق بۇ كېسىلىنى داۋالايدىغانلىقىنى، ئائىلىسىدىكىلەر بىرگە تۇرغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت %15 ئادەمنىڭ بۇ خىل دورىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يالغۇز تۇرغۇچىلارنىڭ ئاسانلا روھىي ساغلاملىق جەھەتتە مەسىلە چىقىدىغانلىقىنى، ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە تۇرغۇچىلاردىن %80 يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، فىنلاندىيەدىكى يالغۇز تۇرغۇچى ئاياللاردىكى ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنى ئاساسلىقى جەمئىيەت ئىقتىسادى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەسىلەن، ئىشسىزلىق ۋە تۇرالغۇ مۇھىتىنىڭ ناچارلىقى قاتارلىقلار. بىراق يالغۇز تۇرىدىغان ئەرلەردىكى ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنى ئاساسلىقى ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان، مەسىلەن، جەمئىيەت ئالاقىسى كەمچىل بولۇش ۋە خىزمەت مۇھىتىدىن راز بولماسلىق قاتارلىقلار، ئۇنىڭدىن باشقا يالغۇز تۇرغۇچى ئەرلەردە ھاراقكەشلىك ئېغىر ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە: ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش شۇنداقلا ماددىي تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاش بولسا پىسخىكىلىق ساغلاملىقنىڭ ئاچقۇچى. يۇقارقى ئامىللار پەقەت يالغۇز تۇرغۇچىلار بىلەن ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يېرىمىدىنلا ئىبارەت، قالغان يېرىم ئامىللارنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۆتكەن 20 يىلدا پۈتۈن فېنلاندىيەدىكى يالغۇز تۇرغۇچىلارنىڭ سانى بىر ھەسسە كۆپەيگەن. نۆۋەتتە 1 مىليوندىن ئارتۇق فىنلاندىيەلىك يالغۇز تۇرىدىغان بولۇپ، پۈتۈن فىنلاندىيە نوپۇسىنىڭ %20 نى تەشكىل قىلىدۇ. مۆلچەر بويىچە 2020- يىلىغا بارغاندا، يالغۇز تۇرغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى %50 نى تەشكىل قىلىدىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى