70% كېسەللىكلەر كەيپىيات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تېبابەت ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىسى قەلبىنۇر ئابلەت تەرجىمىسى


ھەربىر كىشىنىڭ تېنىدە كەيپىيات چىرتىيوجى بولىدۇ، تەتقىقاتلاردا ئېيتىلىشىچە، %70 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئەزا ئورگانى كەيپىياتنىڭ زەربىسىىگە ئۇچرايدىكەن، راك كېسىلى ئۇزۇن مۇددەت ئاغرىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دائىم تەنقىتكە ئۇچرايدىغان كىشىلەر بوغۇم ياللۇغىغا ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن .....ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا ،ھازىرغىچە كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر 200خىلدىن ئاشىدىكەن، كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە كېسەللىك سەۋەبى كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلارنىڭ سانى %70تىن ئاشىدىكەن .

ئەگەر كېسەل بولماي دېسىڭىز، كەيپىياتىڭىزنىڭ خوجايىنى بولۇڭ

كەيپىيات ئادەم بەدىنىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى

ھازىرقى زاماندا كىشىلەرنىڭ ئېغىزىغا ئەڭ يىقىن بولغان سۆز <چارچاش >، تېنىمىزلا چارچاپ قالماستىن قەلبىمىزمۇ چارچىدى .كۈنسېرى ئېغىرلاۋاتقان تۇرمۇش بېسىمىنىڭ تۈرىتكىسىدە نۇرغۇن كىشىلەر ھېسياتچان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ،ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا كەيپىياتتىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى ئۆزىمىزمۇ ھېس قىلالمايمىز ،بىراق بەدىنىمىز ئاللىقاچان ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بىرىپ بولىدۇ .
كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا ،كەيپىياتتىكى ئۆزگۈرۈش ،فىزىلوگىيەلىك ئۆزگىرىش بىلەن تەڭ كۆرۈلىدۇ .مەسىلەن ۋەھىمە تۇيغىسى ئادەم بەدەندە كۆزقارچۇقى چوڭۇيۇش ،ئېغىز قۇرۇش ،تەرلەش ،چىرايى تاتىرىش قاتارلىق ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ .ناچار  كەيپىيات ياكى زىيادە جىددىلەشكەندە  ،ئادەم ئۆزىنىڭ تۇرقىغا نارازى بولۇپ كىتىدۇ ،مەيلى نىمىلا كىيسۇن ،قانداق ياسانسۇن ،كۆڭلىگە ياقمايدۇ ،ئاستا ئاستا چىچىنىڭ مايلىشىپ ،بۇرۇن ئۇچى مايلىشىپ ،جىددىلىشىپ تەرلەشنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ،ھەتتا جىنسى ئەزا ئاجرالمىلىرىنىڭ كۆپىيىپ غەيرى پۇراق چىقىرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىدۇ .روھىي كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ،مەيلى ئاكتىپ ياكى پاسسىپ كەيپىيات بولسۇن ،ئۇزۇن ۋاقىت مەلۇم كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا ،ساغلاملىققا سەلبى تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ئوخشىمىغان كەيپىيات ئوخشىمىغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئوخشىمىغان كەيپىيات ئوخشىمىغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن ۋەھىمە، جىددىلىشىش، قورساق ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .تەنقىت ئاڭلاش، خىجالەت بولۇش بوغۇم ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ ،دائىم ئاچچىقلىنىدىغان ئادەمنىڭ ئېغىز پۇرۇقى بەتبۇي بولىدۇ، يىرىڭداش كۆپ كۆرىلىدۇ. بۇرۇختۇرۇم بولۇش زىققىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قورقۇنۇش ماشىنىدا باش قىيىش ۋە ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ .

ئاشقازان ۋە ئۈچەي كەيپىياتتىكى ئۆزگىرىشىنى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان ئەزا ،كەيپىياتتىكى ئازغىنە ئۆزگىرىشنى ئۇلار ئالدىن بىلىۋالالايدۇ .بارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئىچىدە ،ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرى بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ ، ئاشقازان ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا نوپوسىنىڭ 10%تىنى  ئىگىلەيدۇ ،نۇرغۇن كىشىنىڭ مۇنداق كەچۈرمىشى بولغان ،جىددىلەشكەندە ئاشقازىنى ئاغرىپ ئىچ سۈرىدۇ ،بىسىم ئىغىرلىغاندا ئىشتىھا تۇتىلىدۇ .شوپۇر ،ساقچى ،جىددى كىسەللىكلەر دوختۇرىغا ئوخشاش خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن .
ئۇنىڭدىن قالسا تېرىنىڭ كەيپىياتقا بولغان سەزگۈرلىكى يۇقىرى بولىدۇ ،نۇرغۇن كىشىلەردە ،جىددىلەشكەندە باش تىرىسى قىچىشىش ،ئاچچىقلانغاندا چېچى كىپەك بولۇش ،ئۇيقىسى ياخشى بولمىغاندا كۆپ مىقداردا چاچ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ .قايتا قايتا يەلتاشما  ،ھۆلتەمرەتكە ،قىچىشقاق چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك پاسسىپ روھى كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن بولۇشى مۇمكىن .
ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئىچكى ئاجراتما سىستىمىسى .ئاياللاردىكى تۇخۇمدان ،سۈت بىزى ،ئەرلەردىكى مەزىبەز پاسسىپ روھى كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى ئاسان ئۇچرايدۇ.

كۆپلىگەن كىلىنكىلىق تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى ،ئاددىسى زۇكامدىن تارتىپ ،مۇرەككەپ كىسەللىكلەردىن تاجىسىمان ئارتىرىيە قېتىش ۋە راك كىسەللىكلىرىگىچە ھەممىسى پاسسىپ كەيپىيات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .قەلبى زىدىيەتكە تولغان  ،سىقىلىش ،دائىم بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تۆۋەن ۋە پەرىشان بولغان كىشىلەر ئىممۇنىت كۈچى تۆۋەنلەپ ،ئاسان زۇكام بولىدۇ ،ئازراقلا جىددىلەشسىلا گېلى ئاغرىيدۇ .؛دايىم جىددىلىشىدىغان كىشىلەر بىشى كۆپ ئاغرىدۇ ،قان بىسىمى يۇقىرى بولىدۇ ،يۈرەك قان تومۇر كىسەللىكلىرىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ .دائىم ئاچچىقنى ئىچىگە يۈتىدىغان كىشىلەرنىڭ راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئۈچ ھەسسى يۇقىرى بولىدۇ .
ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولغان 7خىل كەيپىياتتىن يىراق تۇرۇڭ


1.ئاچچىقلىنىش: <ھەجەپمۇ ئاچچىقىم كەلدى !>بۇ دائىم دەپ تۇرىدىغان گەپ ،ساغلاملىق نوختىسىدىن ئىلىپ ئېيىتقاندا ،يوق ئىشلارغا ئاچچىقلىنىش ،ئاغرىنىش ،ئىچ سىقىلىش ،قىيداش ۋە غەزەپلىنىش قاتارلىقلار ،كەيپىياتمىزنى  ناچارلاشتۇرۇپلا  قالماستىن ،بەدىنىمىزدە "ياخشى بولمىغان ئىزنالارنى "قالدۇرىدۇ .ئاچچىقلانغاندا چىراي تاتىرىش  ،كالپۇك كۆكىرىش ،پۇت قولى توڭۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ ،ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ،ئىمۇنىت سىستىمىسىنىڭ خىزمىتى ناچارلىشىپ ،ئىچكى ئەزا كىسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .بولۇپمۇ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغان ياشانغانلار ،ئاچچىقلانسىلا قان بىسىمى شۇھامان يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ ،ئاسانلا مىڭىگە قان چۈشۈش ،يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىق كىسەللىكلىرىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ .
ئاچچىقنى بىسىش ئۇسۇلى: ئاچچىقلىنىشنىڭ ئالدىدا كۆزىڭىزنى يۇمۇپ <ئاچچىقلىنىش > دىگەن  خەتنى كۆزئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ ،ئاچچىقلىنىش دىگەن ئاچچىق زەھەرنى يۈتۈش دىگەن مەنا ،بۇ ۋاقىتتا ئۆزىڭىزگە يوشۇرۇن ئىشارەت بىرىڭ ،ھەرگىزمۇ ئۆز قولىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنى زەھەرلىمەڭ

ئازابلىنىش: يۈرەك قان تومۇر كىسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە "يۈرەككە بولغان ئەڭ چوڭ زەربە ئازابلىنىش "ئىكەن .تاماق يىمەسلىك ،ھاراق ئىچىپ كەيپىياتنى تەڭشەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئازابلىنىشنىڭ ئىپادىسى ،بۇ ۋاقىتتا ،سىمپاتىك نىرۋا سىستىمىسى كۆپ مىقداردا بىسىم ھورمىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ،ئارتىرىيە تومۇرنى تارايتىپ ،ئاسانلا يۈرەك كىسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرىدۇ ،ئازابلانغاندا ،دائىم نەپەس تىزلىشىدۇ ،ھەتتا قاتتىق يىغلاپ ئاۋاز چىقىرالماي قالىدۇ ،بۇلار ئۆپكىگە ئاسان زەربە بىرىدۇ .
ئازابلىنىشنى يوقۇتۇش ئۇسۇلى: ئازابلانغاندا ئۆزىڭىزنى كۈلۈشكە زورلاپ سىناپ بىقىڭ ،بۇخىل "كۆڭىلدىكى يالغان ھەركەت "بەزى پاسسىپ كەيپىياتنى تەڭشەشكە ياردەم بىرىدۇ ،ياكى "گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلەش "ئۇسۇلىنى سىناپ بىقىڭ ،ئىلگىركى خۇشاللىق ئىشلارنى ئەسلەڭ ،دىققىتىڭىزنى باشقا ئىشلارغا بۇراڭ ،ئازاپلانغاندا چوقۇم باشقىلاربىلەن ھەم سۆھبەت بولۇڭ .
3.قورقۇنۇش: كىشىلەر تەھدىتكە ئۇچرىغاندا ،ياكى بىرەر زىيان زەخمەتكە ئۇچراش مۇمكىنچىلىقى بار ۋاقىتتا تەبيىلا بولىدىغان بىرخىل كەيپىيات ، ئۇ يەنە نۇرغۇن باشقا كەيپىياتلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ،مەسىلەن جىددىلىشىش ،قورقۇش ،ئەنسىزلىك قاتارلىق .تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ،"خىزمەتتىن بوشىتىلىش "ئەرلەر ئەڭ قورقىدىغان بىر ئىش ئىكەن .ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت قورقۇنۇش ئىچىدە تۇرغاندا ،ئادەم بەدىنىدە يۈرەك رىتىمسىزلىنىش ،نەپەس تىزلىشىش ،ئەس ھۇشى جايىدا بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ .
قورقۇنۇشنى يوقىتىدىغان ئامال: قورقۇش ناھايىتى نورمال بولغان پىسخولوگىيەلىك رىفلىكىس ،ئارتۇقچە بىسىم ھىس قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق .ئاللىقاچان يۈز بەرگەن قورقۇنۇشلۇق ئىشلارغا نىسبەتەن ،ئامال بار سوغۇق قان بولۇش كىرەك .شۇ ئىشنىڭ ئەڭ ناچار مۇمكىنچىلىقىنى كۆزدەتۇتۇپ ،ئېغىر بېسىقلىق  بىلەن قاراش كېرەك .يەنە ئۆزىڭىز ئەڭ قورقىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تۈزۈپ چىقىپ ،شۇلارغا دادىل قاراشنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك .
4.بۇرۇختۇرۇم بولۇش: ئىچ مىجەز ،بۇرۇختۇرۇم بولۇپ ئىچ سىقىلىش ،ئالاقە ئورنىتىشنى خالىماسلىق ،ئۆزئالدىغا ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلالماسلىق .....بۇلار كۆپۈنچە راك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى. ئۇزۇن مۇددەت بۇرۇختۇم بولغاندا ،بۆرەك ئۈستى بېزى ئاجرالمىسى ۋە خولىستىرىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تىزلەيدۇ ،شۇ سەۋەپ قېرىشنى تىزلىتىدۇ .نۇرغۇن پىنسىيەگە چىققان ياشانغانلار بالىلىرى يىنىدا بولماسلىق سەۋەپتىن ،مىسكىنلىك ۋە بۇرۇختۇمدا ياشايدۇدە قېرىشى تېخىمۇ تىز بولىدۇ .
بۇرۇختۇرۇمدىن قۇتۇلۇش ئامالى : بۇرۇختۇمغا نىسپەتەن تەتۈر تەپەككۈر قىلىشقا بولىدۇ ،مەسىلىدىكى ئاكتىپ تەرەپنى ئىزدەپ ،شۇنىڭدىن خۇشاللىق ھىس قىلىش كېرەك .كۆپ دوست تۇتۇش ،دىققىتىنى باشقا ئىشلارغا بۇراش ئىنتايىن ياخشى ،دوستلار بىلەن پاراڭلىشىپ ،شاھمات ئويناپ ،كۆڭۈل تارتقان ئىشلارنى قىلىپ بۇرۇختۇرۇمدىن يىراق تۇرۇش كىرەك .
5.ئۆچمەنلىك قىلىش : ھازىرقى جەميەتتە تۇرمۇش خىزمەت بىسىم ناھايىتى يۇقىرى ،ھەركۈنى ھەرخىل كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز ،"چىقىشىش تەس بولغان "كىشىلەرنىمۇ دائىم ئۇچرىتىمىز ،بۇلار ئاسانلا بىزگە پاسسىپ كەيپىيات بىرىدۇ .ئۆچمەنلىك ئاسانلا جىددىلىشىشكە ئۆزگىرەيدۇ ،ئۇزۇن مۇددەت جىددىچىلىكتە ياشىغاندا ئىممونېت سېستىمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ ،ئېغىر بولغاندا يۈرەك خىزمىتىنىڭ ناچارلىششىنى كەلتۈرىدۇ .پاسسىپ روھى كەيپىيات ئۆپكە زەيىپلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ ئۆپكە زەيىپلىكىنى تىزلىتىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ئۆچمەنلىك قىلىش يۈرەك كىسەللىكلىرى ۋە زىققىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئۆچمەنلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالى : %80تىكى ئۆچمەنلىك ھېسىياتىنى  كونترول قىلغىلى بولىدۇ
، ئامال بار قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئىزدەڭ ۋە ئۇنى چوڭايتىپ قاراڭ، جەمئىيەت ۋە خىزمەت تۈزۈملىرىگە ئاكتىپ توغرا كۆزقاراشتا بولۇڭ، كۆپرەك ئەمەلىي ئىشلەڭ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تايىنىۋېلىشتىن ساقلىنىڭ .ئۆچ ئادەم ياكى شۇ ئىش ئۇچرىغاندا ئۆزىڭىز بىرئىستاكان چاي دەملەپ ئىچىڭ ،چاي ئازوت كىسلاتاسى كەيپىياتىڭىزنى تۇراقلاشتۇرىشقا ياردەم بىرىدۇ .
6.گۇمانخورلۇق: جۇڭگولۇقلار سەل گۇمانخور كىلىدۇ
،  ئىشخانىدا بىرەر ئىش بولسىمۇ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلايدۇ، يولدىشى ئۆيگە نەچچە سائەت
كېيىن قايتىپ قالسا
، چوقۇم باشقىلاربىلەن نامۇۋاپىق مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمان قىلىدۇ. گۇمانخور كىشى دائىم يالغۇزلۇق، مىسكىنلىك، ئىچى سىقىلىش ۋە جىددىيچىلىك ھېس قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئادەم ياش بىر يەرگە بارغاندا، كىچىككىنە بىرەر ئىشتىنمۇ، نۇرغۇن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئويلايدۇ. ئۇلار كۈن بويى ئەنسىزلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا روھىي تۈگىشىشنى كەلتۈرىدۇ. ھەمدە خاتىرجەم يىيەلمەسلىك ئارام ئالالماسلىق سەۋەبلىك، ئىشتاھا ئاجىزلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرىدۇ .
گۇمانخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇسۇلى: گۇمانخورلۇق ھېس قىلغىنىڭىزدا، ھەركۈنى ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقىنى خاتىرلەڭ
، بۇئارقىلىق ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرۇڭ. كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت تۇرغۇزۇش ئىقتىدارىڭىزنى ياخشىلاپ، خاتا چۈشىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ .
7.پەسىللىك كونتىروللىقنى يوقىتىش: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تومۇز ئىسسىقتا %10 تىكى كىشىلەر ئاسان كونتروللىقىنى يوقىتىدىكەن
، ئاسانلا توقۇنۇش ۋە زىدىيەت بولىدىكەن، قىش پەسلىدە مالىخولىيە كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلار كۆپ بولىدىكەن. بۇ مەسىلىلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ " پەسىللىك كونتروللىقنى يوقىتىش" دېيىلىدۇ. مۇھىت ۋە ھاۋارايىغا زىيادە سەزگۈر كىشىلەردە ئاسان جىددىيلىشىش ۋە پاسسىپ روھىي كەيپىيات شەكىللىنىش بولىدىكەن، شۇ سەۋەب بىلەن بەدەننىڭ نورمال فىزىئولوگىيەلىك خىزمىتى بۇزۇلىدىكەن
كەيپىياتنى كونتىرول قىلىش ئۇسۇلى: ياز كۈنلىرى ئاكتىپ ھالدا يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك، يۈگۈرۈش، سۇغا چۈشۈش قاتارلىق پائالىيەتنى قىلىپ، پاسسىپ كەيپىياتنى يېڭىش كېرەك، قىش پەسلىدە سەي كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ يېيىش، سىرتلارغا چىقىپ ئاپتاپ ئىسىنىش، ئۆيگە چۈشىدىغان كۈن نۇرىنى تەڭشەپ پاسسىپ كەيپىيات ئۈستىدىن غالىپ كېلىش كېرەك.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى