ئولتۇرۇش ھالىتىڭىز خاراكتېرىڭىزنى ئاشكارلاپ قويىدۇ، تېز ئۆزگەرتىڭ

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئادەم بەدىنى كۆپلىگەن مىجەز-خاراكتېرنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.

بىر قىسىم ئىختىيارسىز قىلغان ھەرىكەتلەردىن ئادەملەرنىڭ ھېسىيات تۇيغۇسىنى، تەشۋىشلىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئولتۇرۇش ھالىتىمۇ شۇنداق، سىزنىڭ ئولتۇرۇش ھالىتىڭىز خاراكتېرىڭىزنى دەپ بېرەلەيدۇ.

ئىشەنمىسىڭىز بىز سىناپ باقايلى!

تۆۋەندىكى 5خىل ئولتۇرۇش ھالەتلىرىدىن ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان ھالەتنى تاللاڭ، سىزنىڭ قانداق خاراكتېرلىق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرۈپ باقايلى! (پەقەت كۆڭۈل ئېچىش مەقسىتىدە تەمىنلىدۇق)


جاۋابى تۆۋەندىكىچە:

سىز ناھايىتى ئىجادچانلىق روھىغا باي ئادەم، ئازراق ساددىلقىڭىز بار. نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزىڭىز مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلالايسىز. لېكىن ئۇزاق ۋاقىت بىر ئىشقا كۆڭۈل قويالمايسىز. سىز بىلە بىللە تۇرسا ناھايىتى ئازادىلىك ھېس قىلىدۇ. سىز ناھايىتى پرىنسىپچان، خىزمەتنى بىرىنجى ئورۇنغا قويىدىغان ئادەم. لېكىن ئاسانلا بىر قىسىم مەسىلىلەر ئاۋارىچىلىقلارغا سەل قارايسىز، ھەر دائىم بۇ مەسىلىلەرنى ئۆزىڭىزلا ھەل قىلىۋېتىشنى ئۈمىد قىلىسىز. ئەگەر مەغلۇب بولسىڭىز، دوستلىرىڭىزدىن ياردەم سوراش ئارقىلىق ھەل قىلىسىز، ئۆزىڭىزگە جىق بېسىم قىلمايسىز.

سىز بىر ئىشلارغا ئاسان رازى بولمايدىغان خىيالپەرەس. كۈچلۈك تەسەۋۋۇرغا باي كېلىسىز، كاللىڭىز يېڭىچە ئوي خىياللارغا چۆمگەن، ئەتراپىڭىزدىكىلەر سىزگە ناھايىتى قول قويىدۇ. سىز خۇراپىيلىق ۋە كونا ئادەتلەرگە بەراشلىق بېرەلمەيسىز. ساياھەت قىلىشقا ۋە يېڭىچە شەيئىيلەردىن ھوزۇرلىنىشقا قىزىقىسىز. سىز ناھايىتى كەسكىن ھالدا بىر ئىشلارغا قارار چىقىرالايسىز، مەسىلەن، چاچ پاسونى ئالماشتۇرۇش، خىزمەت ئالماشتۇرۇش، شېرىك ئالماشتۇرۇش ھەتتا ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان شەھەرنىمۇ ئالماشتۇرالايسىز. بەختلىك بولۇش ئۈچۈن ھەرگىز ۋاقىت ئىسراپ قىلمايسىز.

بىر ئىشلارغا قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن دائىم چوڭقۇر ئويلىشىسىز. چۈنكى سىز ھەممە ئىشلارنىڭ رېتىملىق، ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىسىز. بىر ئىشلاردىن ئاسان قۇسۇر ئىزدەيسىز ھەمدە تۇرمۇشىڭىز تەرتىپسىز، لېكىن بۇ تەرتىپسىزلىكىڭىزنىڭمۇ لوگېكىسى بار. سىز بىر مۇقىم ئىشلارغا ئاسان كۆڭلىڭىزنى قويالمايسىز. باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزدا چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئوخشىمىغان تېمىلاردا گەپنى يۆتكىۋىتىسىز، شۇڭا بىر قىسىم دوستلىرىڭىزغا تەكەببۇردەك تەسىر بېرىسىز، چۈنكى سىز قارشى تەرەپنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ كەتمەيسىز.

سىز ئاممىۋى سورۇنلاردا تالاش-تارتىش قىلغان ۋە چوڭ ئاۋازدا گەپ قىلغانلاردىن ناھايىتى بىزار بولىسىز، ھەم ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇرۇشقان ياكى يېقىنچىلىق قىلىشقانلارنى ياقتۇرمايسىز. سىز كۆڭلىڭىزدىكى ھېس تۇيغۇ ۋە ئوي-خىياللىرىڭىزنى ئىپادىلەشكە ماھىر. سىز مۇتەئەسسىپ، كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا ئارىلىق ساقلايسىز، لېكىن ھەممە ئىشلارغا ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىسىز، ھەر قانداق ۋاقىتتا دۇنياغا يۈزلىنىشكە تەييارلىق بىلەن تۇرىسىز.

سىز ناھايىتى جىمغۇر ئادەم، بىر ئىشلاردا ھەرگىز ئۆزىڭىزنى ئېتىپ ئەڭ ئالدىغا بېرىۋالمايسىز. سىز ناھايىتى قەيسەر ھەم جاھىل، ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھەرگىز يېرىم يولدا توختاپ قالمايسىز. تاشقى قىياپىتىڭىزگە ناھايىتى دىققەت قىلىسىز. ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىسىز، لېكىن يەنىلا ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرلمايسىز، چۈنكى سىز سەل نازۇك، كىشىلەرنىڭ تەنقىدىنى ئاسان قۇبۇل قىلالمايسىز.
ئولتۇرۇش ھالىتىگە قاراپ خاراكتېرىنى بىلىشنى ئۆگىنىۋالدىڭىزمۇ؟
قېنى توغرىمۇ ھەممىمىز سۆز قالدۇرۇپ دەپ باقايلى!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  •  تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز داڭلىق شەخسلەرگە ئائىت سەرخىل ھېكايىلەر دېگەن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان. بۇ جۈملىگە ئىنتايىن چوڭقۇر پەلسەپە
  • دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ بىر بالا دادىسىدىن سوراپتۇ: ــ دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ ــ مېنىڭ بار، ئەمما سېنىڭ يوق. مەن بۇ پۇلنى تىرىشىپ - تىرمىشىپ، جان تىكىپ ئىشلەپ ئاران تاپقان. سەنمۇ كەلگۈسى
  •  يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ تەتقىقاتدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى يېمەكلىكلەر ئارقىلىقمۇ ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلغىلى بولىدىكەن. كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلىغۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا بۇغداي بولكىسى ئەڭ يا
  • ئارتۇقچە ھەشەم ئۆزىڭىزگە يۈك، ئۆزگىلەرگە روھىي بېسىمدۇرئارتۇقچە ھەشەم ئۆزىڭىزگە يۈك، ئۆزگىلەرگە روھىي بېسىمدۇر ئىلگىرى دۇنيا توي ئۆرپ- ئادەتلىرى دېگەن فىلىمنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس توي ئادەتلىرى تونۇش
  •  ئاغرىنماڭ ئاغرىنماڭ ئاغرىنىش ــ بىر خىل پاسسىپ ئېنېرگىيە بولۇپ، خۇددى ئۆز پۇتىغا پالتا چاپماققا ئوخشايدۇ. باشقىلارغا مەنپەئەتى تەگمىگەن كىشىنىڭ، ئۆزىمۇ پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاغرىنىش