ئۆزىگە ئىشىنىش

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى | ۋاقتى: 2011/09/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: شىنجاڭ گېزىتى | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

ئۆزىگە ئىشىنىش ھەر كىمنىڭ تۇتۇنغان ھەر قانداق ئىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادا قىلىشىنىڭ ئاساسى. ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك دېلىغۇللۇققا، ئىرادىسىزلىككە ۋە ئىشتا چولتىلىققا سەۋەب بولىدۇ. ئەمما، ئۆزىگە ئىشىنىش ھەرگىزمۇ ‹‹ئۆزىنىڭكىنىلا راست قىلىش›› ياكى ‹‹ھاكاۋۇرلۇق›› قىلىش بولماستىن، بەلكى كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىشتا، ئۆزىنى باشقىلار بىلەن باراۋەر بىلىش ۋە مەسىلىلەرگە جۈرئەتلىك يۈزلىنىشتۇر. ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالماسلىقتىن پەيدا بولغان مەغلۇبىيەتلەر توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز.
 بىر دوستۇم مۇنداق بىر كەچمىشىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ بىر ساغلاملىق بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ساتقان مەزگىللەردە خېرىدارلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە كۆپ ئۇچرىغان ئىكەن. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ھەر بىر خېرىدار بىلەن ئۇچراشقاندا، گەپ – سۆزدە ئېھتىياتچان بولۇپ، ئامال بار مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك سېتىشقا تىرىشىپتۇ.
 بىر كۈنى بىر خېرىدار ئۇنى ئىشىكىدىن ھەيدەپ چىقىرىپتۇ. ئۇ بۇ ئاچچىقىنى سىغدۇرالماي، دىرېكتورغا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. دىرېكتور ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:
 خېرىدارنىڭ سىزگە قوپال مۇئامىلىدە بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنىڭ كەملىكى، يەنى، ئورنىڭىزنى تۆۋەن تۇتقانلىقىڭىزدىن بولۇشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە، ھەددىدىن زىيادە كەمتەرلىك بەزىدە ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ، دەپتۇ.
 دوستۇم دىرېكتورنىڭ گېپىدىن ئويلىنىپ قاپتۇ، ئۇ خېرىدارلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىشنى، كۆز ئالدىدىكى سودىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقنىلا ئويلاپ، خېرىدارلارغا ھەددىدىن زىيادە تەكەللۇپ بىلەن مۇئامىلە قىلىپتۇ، خېرىدارلار ئۇنىڭ بۇنداق تەمتىرەشلىرىدىن مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەتلىك، ئىشەنچلىك بولۇشىدىن گۇمانلىنىپتۇ ھەم ئۇنى ‹‹ئۆتمەس ماتا، زورلاپ ساتار››چى ئوخشايدۇ، دەپ ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈشۈشتىن يالتىيىپتۇ. 


 شۇ ئىشتىن كېيىن، ئۇ خېرىدارلار بىلەن كۆرۈشكەندە گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەتكە دىققەت قىلىدىغان، ھەر خىل مۇئامىلىگە لايىقىدا، تەمكىن مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپتۇ. بۇ ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا باشقىچە ئۈنۈم بېرىپتۇ.
 دوستۇمنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ، شۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشەندىم: كىشىلەر بىر – بىرىگە ئوخشاشمىغاچقا، ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى چۈشىنىشى، بىر تەرەپ قىلىشىمۇ ئوخشاشمايدۇ. ئېنىقكى، كىشىلىك مۇناسىۋەت بەكمۇ مۇرەككەپ. باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە، ھۆرمىتىگە ئېرىشەي دېسىڭىز، ئاۋۋال ئۆزىڭىزگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىڭىززۆرۈر. كىشىلىك ھاياتنىڭ مۇساپىلىرى ئەگرى – توقاي بولىدۇ، ھېچكىممۇ ھاياتىدا مەن ئەزەلدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىمىغان، دېيەلمەيدۇ. مەيلى خىزمەت ياكى تۇرمۇشتا ۋە ياكى باشقا ئىشلاردا بولسۇن، ئالدى بىلەن ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچ بولۇشى لازىم. ئۇ مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئىشلاردا بولسۇن، مۇۋەپپەقىيەتكە ئۇچرىغاندا مەغرۇرلىنىپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا چۈشكۈنلىشىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق ئىش سىزگە ئۇچرىسا، ئۈمىدسىزلەنمەي، چوقۇم غەلىبىگە ئېرىشىشكە تىرىشىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، مۇۋاپىق يوسۇندا كەمتەر بۇلۇڭ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، پەقەت ئۈزلۈكسىز تىرىشسىڭىزلا غەلىبە قازانغۇچى بولالايسىز!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى